Uyghurئاساسىي لۇغەت
قەۋەت
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
قات، قاتلاق.
سەككىز قەۋەت بىنا. * مېھمانخانىنىڭ ئونىنچى قەۋىتىدە تۇرۇۋاتىمەن. * ئېنى ئىككى قەۋەت رەخت.
ئاھاڭداش سۆزلەر
رەۋىش.
ناھايىتى، ئالاھىدە.
(«لا» قوشۇپ «قەۋەتلا» مۇ دېيىلىدۇ.) قەۋەت تاتلىق ئىكەن. * قەۋەتلا ئوبدان قىز ئىكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. قات - قات ياكى قاتلام - قاتلام نەرسىلەرنىڭ ھەربىر قېتى، قاتلىمى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسى.
يەرنىڭ قەۋىتى.
مىق. ساناق سانلاردىن كېيىن كېلىپ، قات - قات نەرسىلەرنىڭ قاتلاملىق دەرىجىسىنى بىلدۈرىدۇ.
يەتتە قەۋەت ئاسمان.
ئى. قەۋەتلىك بىنالارنىڭ ئوخشاش ئېگىزلىكتىكى ئۆيلىرى.
بىنانىڭ 6 - قەۋىتى.
ئى. تەكچە ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ ئۈستمۇئۈست جايلاشقان ھەربىر پەللىسى.
كىتاب جازىسىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتى.
ئى <گېئول> قاتلام.
قەۋەت يۈزى.
ئى. يىپ، سىم ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەربىر تېلى.
نەچچە قەۋەت سىم بىلەن ئورىماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
ھەددىدىن ئارتۇق، ناھايىتى، بەك، ئىنتايىن.
قەۋەت ياخشى. قەۋەت خوشال بولماق.