Uyghurئاساسىي لۇغەت
قەترە
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
تامچە .
دېڭىز سۈيىدىن بىر قەترە.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
لىرىك شېئىرلارنىڭ بىر تۈرى، كلاسىك ئەدەبىياتتا كۆپ ئۇچرايدۇ.
تەۋرىسە يەر، ئېتىلسا ۋۇلقان.
تاشسا دېڭىز قورقۇنچ ئەمەس.
لەززەتلىنىپ ياشايمەن شادىمان.
ۋەتەن باغرى ماكان بولسا بەس.
_ ئابدۇكېرىم مەقسۇت.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تامچە، تېمىم:
بۇ ئىشقىم بىرلە ئەقلىم بولسە جارىپ،
بولايىن جۇرئەسىدىن قەترە شارىب.
موللا پازىل.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تامچە؛ قەترە. ئەفشان - تامچە چاچقۇچى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۇنى تېمىتىشتىن چۈشكەن ئازغىنا سۇيۇقلۇق.
دېڭىزدىن تامچە. تامچە سۇدا تال كۆكىرەر. قەترە سۇدىن كۆل ھاسىل بولار. بىر تېمىم زەھەر بىر كۇب مەينى زەھەرلەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىناكارلىق
سۇيۇقلۇق زەررىچىلىرىنىڭ تارتىشىش نەتىجىسىدە شارچە شەكلىنى ئالغان ئەڭ كىچىك بۆلىكى؛ تامچە.
بىر قەترە سۇ. ئەي تاغ سۈيى، ئاڭلا! يېشىل زۇمرەت كەبى جىلۋىلىنىپ تۇرغان، ئەمما غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتقان سۈزۈك كۆلنىڭ سۈيى بولغۇچە، سېنىڭدەك مەڭگۈ ئويغاق ئۆتىدىغان، گۈركىرەپ، كۆپۈكلىنىپ ئاقىدىغان تاغ سۈيىگە قەترە بولۇپ قۇشۇلغۇم بار!...
كۆچمە. ئاز مىقدار، ئازغىنا، كىچىك بۆلەك ياكى ئۈلۈش.
بىزنىڭ سۈپەتلىك ئۇرۇقلىرىمىزنىڭ قوشنىلارنىڭ يېرىدە چېچەك ئېچىپ، مېۋە بېرىشى يەنىلا بىزنىڭ دۆلەتكە قوشقان بىر قەترە تۆھپىمىز بولمامدۇ؟
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، ئەخەت تۇدىنىڭ پوۋېستلار توپلىمى بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985 - يىل 6 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا يازغۇچىنىڭ 80 - يىللاردا يازغان <مۇزلىغان يۈرەك>، <سەبىيلەر پاجىئەسى>، <باھاردىكى جۇدۇن>، <قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا> قاتارلىق تۆت پارچەپوۋېستى كىرگۈزۈلگەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
تامچە