Uyghurئاساسىي لۇغەت
قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى قەشقەر شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھېيتگاھ مەيدانىغا جايلاشقان بولۇپ، شىنجاڭ بويىچە كۆلىمى چوڭ ۋە كۆركەم ياسالغان قەدىمكى مەسچىت.
ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ھازىرقى ئورنى ئەسلىدە بىر سازلىق بولۇپ، 8 _ ئەسىرنىڭ باشلىرى ئىسلام دىنى تارقىتىش ئۈچۈن كىشلەردىن ۋاپات بولغانلىرى مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە مازار شەكىللىنىپ، كىشلەر ھۆرمەتلەيدىغان جايغا ئايلانغان. كېيىنچە، ئوردا خادىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق _ ئەۋلادلىرى دەپنە قىلىنىدىغان شەھەر سىرتى قەبرىستانلىقى بولۇپ، قەبرىستانلىقتا ئېلىپ بېرىلىدىغان دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ھىجىرىيە 846 _ يىلى ( مىلادىيە 1442 _ يىلى ) بۇ يەرگە كىچىك مەسچىت سېلىنغان. ھىجرىيە 946 _ يىلى مەسچىت سېلىنغان. ھېجرىيە 946 _ يىلى ( مىلادىيە 1539 _ يىلى ) شۇ ۋاقىتتىكى قەشقەر ھاكىمى ئۇبۇل ھادىبەگ تۇنجى قېتىم كېڭەيتىپ، بەش ۋاخ ناماز ئوقۇلىدىغان جامەگە ئۆزگەرتكەن. ھىجرىيە 1201 _ يىلى ( مىلادىيە 1786 _ يىلى ) يېڭى شەھەر ناھىيىسىگە قاراشلىق خانئېرىق يېزىسىدىن زۇلپىيە خېنىم ھەج قىلىش نېسىپ بولماي، ھەرەمگە ئاتىغان پۇلىغا بۇ جامەنى كېڭەيتىپ ياساتقان. ھىجرىيە 1224 _ يىلى ( مىلادىيە 1809 _ يىلى ) ئىسكەندەر ۋاڭ ئومۇمىيۈزلۈك قايتا رېمونت قىلىدۇرغان ۋە كۆل كولىتىپ، جىرىم قويدۇرۇپ رەتلگەن. ھىجرىيە 1225 _ يىلى ( مىلادىيە 1839 _ يىلى ) زوھورىدىن ھاكىمبەگ قەشقەر شەھىرىنى كېڭەيتىپ ياساتقاندىن كېيىن، ھېيتىگاھ مەسچىتى شەھەر ئىچىدىكى مەركىزىي مەسچىتكە ئايلانغان ۋە يەنە بىر قېتىم چوڭ رېمونت قىلىنىپ « ھېيتگاھ جامەسى » دەپ ئاتالغان. ھىجرىيە 1290 _ يىلى ( مىلادىيە 1873 _ يىلى ) بەدۆۋلەت ( ياقۇپبەگ ) دەۋرىدە ئۈچىنچى قېتىم كېڭەيتىلىپ، غەرب تەرىپى مەسچىت، شەرق تەرىپى مەدرىسە قىلىپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن. مەدرىسە قىسمىنىڭ شىمال، شەرق، جەنۇب تەرىپىگە بىرلا ۋاقىتتا 100 چە كىشى يۇيۇنالايدىغان ھاممام ( مۇنچا )، شەرق تەرىپىگە پەشتاقلىق دەۋازا ۋە مۇنارلار ياسىتىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ھېيتگاھ جامەسى كۆپ قېتىم رېمونت قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئاساسىي كۆلىمى ۋە ياسىلىش شەكلىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان.
مەسچىتنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 16 مىڭ 800 كۋادرات مېتىر بولۇپ، شەرق تەرەپتىكى مەسچىت ۋە غەرب تەرەپتىكى مەدرىسدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان. ئەرەب بىناكارلىقى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى زامان بىناكارلىق ئۇسلۇبى بىرلەشتۈرۈلگەن. مەسچىتنىڭ دەرۋازىسى سۇس كۆك، ئېگىزلىكى 4.7 مېتىر، دەرۋازىغا سۇرە _ ئايەتلەر ئەرەبچە يېزىلغان، ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئۇيغۇر ئۇسلۇبىدىكى چىرايلىق نەقىشلەر ئىشلەنگەن. دەرۋازا بىناسىنىڭ ئېگىزلىكى 12 مېتىر بولۇپ، ئىككى تەرىپىگە ئېگىزلىكى 18 مېتىر كېلىدىغان ئىككى ئەزان مۇنارى سېلىنغان. ئۇلارنىڭ كەينىگە گۈمبەز مۇنارى سېلىنغان، ئۇلارنىڭ كەينىگە گۈمبەز ياسىلىپ، گۈمبەزگە قۇببە ۋە ھىلال ئاي ئورنىتىلغان. دەرۋازىدىن كىرسە مەسچىتنىڭ ھويلىسى. نامازخانا ھويلىنىڭ كەينىدىكى دۆڭگە سېلىنغان. پەلەمپەي ئاستىدىكى رىشاتكا ھويلىنى ئىككىگە ئايرىپ تۇرىدۇ. شەرقتىن غەربكە، جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان بىتون ۋە سۈرمە تاشلىق كېسىشمە يوللار ھويلىدىكى ئۈچ دەرۋازا بىلەن مەسچىتنى ئۆز ئارا تۇتاشتۇرىدۇ. مەسچىتنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 2 مىڭ 600 كۋادرات مېتىر. خانىقاغا كۆك _ يېشىل نەقىش ئويۇلغان 140 تال تۈۋرۈك قويۇلغان، تۈرۋرۈكلەر بىلەن ئايرىلغان شاھمات تاختىسىدەك تورۇسنىڭ نەقىشلىرى ۋە بېزەك كاتەكچىلىرى ئاجايىپ چىرايلىق. مەدرىسىدە 400 تالىپ يېتىپ _ قوپۇپ ئوقۇيالايدۇ. ھەر يىلى روزى ھېيىت ۋە قۇربان ھېيىتتا مەسچىت ئىچى ۋە مەسچىت ئالدىدىكى مەيدان ئاجايىپ قىزىپ كېتىدۇ. 30 مىڭ ئادەم ناماز ئوقۇيالايدۇ. بۇ مەسچىت ئوتتۇرا ئاسىياغىمۇ مەشھۇر.