Uyghurئاساسىي لۇغەت
قەردېزى مەقبەرىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ پاكىستاندىكى ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى بولۇپ، ئورنى پەنجاپ ئۆلكىسىدىكى مۇلتاننىڭ بەھرە قوۋۇقى يېنىدا. بۇ مەقبەرە 1152 _ يىلى شاھ يۈسۈف قەردېزى ( 1069 _ 1152 ) ۋاپات بولغاندىن كېيىن ياسالغان. مەقبەرە ھويلا شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، چۆرىسىگە تام سېلىنغان. ھويلىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مەقبەرە چاسا قۇرۇلۇش بولۇپ، پۇختا، ئاددىي سېلىنغان. مەقبەرىنىڭ سرتى سىرلىق ساپاللار بىلەن بېزەلگەن. بەزى ساپاللارغا ئاددىي نەقىشلەر چىقىرىلغان. بۇ مەقبەرىنى نەچچە ئەسىردىن بويان مۇسۇلمانلار تاۋاپ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.