Uyghurئاساسىي لۇغەت
قەنتىڭنى چاق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ماختاش سۆزى، ياخشى ئىشلارنى قىلغانلارغا مىننەتدار بولۇپ، ئىلھام بېرىپ ئېيتىلىدۇ.
<ياشاپ كەت> ئىنتوناتسىيىگە باغلىق، ئىنىتوناتسىيە سۇس بولسا، <تەنە> بولۇپ قالىدۇ.
ياشاپ كەت، خۇدا قولۇڭغا دەرد بەرمىسۇن! كامال تاپ، بالام، كامال تاپ! قولۇڭدىن كەلسە، ياغ چاينا. خوپ قىلىپسەن، قەنتىڭنى چاق! بار، ياخشى ئىشلە، پۇل تاپ، مېغىزىنى چاق! رەھمەت بالام، ئاتاڭغا رەھمەت، ياخشى بالا ئىكەنسەن. بولدى، بولدى، ئاتاڭ ئايلانسۇن، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆر!
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، «بارىكاللا پەيزىڭنى سۈر، ھۇزۇر - ھالاۋىتىنى، راھىتىنى كۆر» دېگەن تەھسىن - ئاپىرىن ئېيتىش مەنىلىرىدىكى ئىبارە: - قەنتىڭنى چاق، يىگىت، قەنتىڭنى چاق! - پەستە تاماشا كۆرۈۋاتقان قېرى بوۋايلار باشمالتىقىنى چىقىرىپ ۋارقىرىشاتتى.