Uyghurئاساسىي لۇغەت
قەندىھارا سەنئىتى
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى ھىندىستاننىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبىغا ئىگە نەققاشلىق سەنئىتى. تەخمىنەن مىلادىنىڭ ئالدى - كەينىدە بارلىققا كەلگەن. <يۇنانلاشقان دەۋر>دىن بۇيانقى شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ نەتىجىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى بۇددا ۋە بۇدساتۋالارنىڭ تاش ھەيكىلىنى (دەسلەپكى بۇددا دىنىدا ھەيكەل بولمىغان) يۇناننىڭ سەنئەت ماھارىتى ئارقىلىق ئويۇپ چىقىشتىن ئىبارەت. مەسىلەن: بۇددانىڭ تاش ھەيكىلى خۇددى يۇناننىڭ قۇياش ئىلاھى ئاپوللونىڭ ھەيكىلىگە ئوخشاپ قالغان. كىيىمىدىمۇ يۇنانچە پورمىلەر بولغان. ئۇ شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيەتلىرىنىڭ قوشۇلۇپ كەتكەنلىكىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى بولۇپ، بىرقانچە يۈز يىللار داۋاملاشقان ھەمدە قوشنا ئەللەرگىمۇ خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن