Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
قەندىھارا
دائىرە: دۇنيا تارىخى犍陀罗
jiān tuó luó
ھىندىستاندىكى قەدىمكى دۆلەت نامى. ھىندى دەرياسىنىڭ يۇقىرىقى ئېقىمىغا جايلاشقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا، ئابەند دۆلىتىنى يەڭگەن. ئۇنىڭ پايتەختى تاكسىلا (ھازىرقى پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرى) ئەينى زاماندا مۇھىم جاي بولۇپ، ئىلىم - پەن ۋە سودا مەركىزى بولغان. ئۇ ئىلگىرى - ئاخىر پېرسىيە ۋە ماكېدونىيە - يۇنانلىقلارنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرغان. غەرب بىلەن شەرقنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا رول ئوينىغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ماۋۇريا ئىمپېرىيىسىنىڭ زېمىنغا قوشۇۋېلىنغان، كېيىن كۇشان پادىشاھلىقىغا تەۋە بولغان. بۇ رايوندا تەدرىجىي ھالدا ئاتاقلىق قەندىھارا سەنئىتى شەكىللەنگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.