Uyghurئاساسىي لۇغەت
قەمەر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئاي:
پەرتەۋى ھۇسنۇڭ قەمەرمۇ، لەززەتى لەئلى شەكەر،
بولۇبان شىرىن سەمەر ھەر سۆزىدىن ھاسىل يىگىت.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئاي: سەنەئ قەمەرىيە - ئاينىڭ يۈرۈشى بىلەن ھېسابلانغان يىل.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ۋاقىت ھېسابى بىرلىكى. بىر ئاي يىلنىڭ ئون ئىككى بۆلۈكىنىڭ بىرى.
ئاينىڭ ئون بەشى ئايدىڭ، ئون بەشى قاراڭغۇ. ئاينىڭ بېشىدىن قورققۇچە، بەشىدىن قورق. سەنە قەمەرىيە. قەمەرىيە كالېندارى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يېزىت. ئاي.
ئۇ گويا كەڭ چوققىلارنىڭ بەلۋېغى - ئالتۇن كەمەر، كۈندۈزى سەيلە قىلار كۈن، كېچىسى بۇندا قەمەر.
ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
قەمەرگۈل، قەمبەرخان، قەمەشخان، قەمبەرقىز، قەمىخان، قەمىگۈل
ئاي