Uyghurئاساسىي لۇغەت
قەلەندەرلەر
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدىكى ئەھلى شەرىئەت بولمىغان، جامائەت ئېتىراپ قىلغان ئۇستازى بولمىغان ۋە ئىجازە ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىدىغانلار شۇنداق دېيىلىدۇ. ئۇلار كۆڭۈل ئارامىنى ئىزدەيدۇ، كەم بولسا بولمايدىغان ئىبادەت ۋە پەرزلەرنى ئادا قىلىدۇ، دۇنيانىڭ ھوزۈر - ھالاۋىتىنى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى باغلاپ تۇرىدىغان قائىدىلەرنى تەرك ئېتىدۇ. ئالاھىدە تون كىيىدۇ، ساقىلىنى ئالماي، چېچىنى ۋە يۈزىدىكى تۈكلەرنى چۈشۈرۋېتىدۇ، قولىغا ۋە قۇلىقىدىكى تەشكەن تۆشۈككە تۆمۈر ھالقا سېلىۋالىدۇ. جىنسىي تۇرمۇشنى مەنئى قىلىدۇ. ئەرلەر جىنسىي ئەزاسىغا تۆمۈر ھالقا تاقاپ، چىداملىق بولۇشنىڭ، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنىڭ ئالامىتى قىلىدۇ. بۇلار دەسلەپ پرىسىيىدىكى خۇراساندا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئەۋج ئالغان. كېيىن شىنجاڭدىن تارتىپ ماراكەشكىچە بولغان كەڭ رايونلارغا تارقىلىپ، ھەرىكەت بولۇپ شەكىللەنگەن. خارابلاشقاندىن كېيىن، بىر مەھەل دىنىي پىرقە بولۇپ ئۇيۇشقان.