Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
قەدىمكى قۇلۇلە شەھىرى
دائىرە: دۇنيا تارىخى古螺城
gǔ luó chéng
ۋيېتنامنىڭ رىۋايەتتىكى ئوۋلو دۆلىتى ئەنياڭ پادىشاھىنڭ پايتەختى. يەنە بىر ئىسمى كې رو شەھىرى. <كۇرۇ>، <كې رو> دېگەنلەر <كې رو>نىڭ (ۋيېتنام تىلىدا مەلۇم بىر خەتنىڭ ئالدىغا <Ke>يەنى كې ھەرپى قوشۇلۇپ يەر نامىنى بىلدۈرۈپ كېلىدۇ) ئاھاڭ تەرجىمىسى. چۈنكى بۇ شەھەرنىڭ كۆرۈنۈشى قۇلۇلە قېپى شەكلىدە بولغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۈگۈنكى يۇڭفۇ ئۆلكىسى دۇڭيىن ناھىيىسىنىڭ كۇرۇ كەنتىدە، بۈگۈنكى قەدىمكى قۇلۇلە شەھىرىنىڭ خارابىسى بەلكىم جۇڭگونىڭ شەرقىي خەن سۇلالىسىدىكى مايۇەننىىڭ ئەن ياڭ پادىشاھىنىڭ كونا شەھىرى خارابىسى ئورنىغا قۇرغان ئوردا شەھىرنىڭ خارابىسى بولۇشى مۇمكىن. Ⅹ ئەسىردە ۋۇچۈەن دۆلەت قۇرغاندا، بۇ ئورۇننى پايتەخت قىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.