Uyghurئاساسىي لۇغەت
قەدىمكى كىشىلەر
دۇنيا تارىخى
مايمۇنسىمان ئادەملەر بىلەن يېڭى ئادەملەر ئارىلىقىدىكى ئىنسانلار. 100 - 200 مىڭ يىللار بۇرۇن ياشىغان بولۇپ، گېئولوگىيىلىك يىلىدا يېڭى ئېرانىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە، مەدەنىيەتتە كونا تاش قوراللار دەۋرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىگە مەنسۇپ. ئەڭ دەسلەپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغىنى 1856 - يىلى گېرمانىيەنىڭ دۇسسېل دورفتىكى نېئاندېرتا دەريا ئېقىنىغا يېقىن جايدىكى غاردىن تېپىلغان موست دەۋرىگە خاس نېئاندېرتال ئادىمى بولغان، شۇڭلاشقا، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات باسقۇچىغا يەنە نېئاندېرتال ئادىمى باسقۇچى دېگەن ئاتالغۇ قوشۇلغان.قەدىمكى ئادەملەرنىڭ بەدىنى مايمۇنسىمان ئادەملەردىن ئىلگىرلىگەن، ئۆرە تۇرۇپ ماڭالايدىغان بولغان؛ مېڭە سىغىمچانلىقى تەخمىنەن 440 مىللىلىتىر بولغان؛ قاپىقى تەرەققى قىلغان، پېشانىسى سەل يانتۇ؛ دوققىسى بۆرتۈپ چىققان، يۈزى بەك سوزۇنچاق؛ كۆز چانىقى يۇمىلاق ھەم چوڭ، ئىككى چانىقىنىڭ ئارىلىقى خېلى كەڭ؛ بۇرنى ياپىلاق ھەم كەڭ؛ جاۋغىيى ئالدىغا بۆرتۈپ چىققان، لېكىن ئېڭەك قىسمى يەنىلا كەينىگە تارتىلغان. ئىشلەتكەن تاش سايمانلىرىدىن ئۇچلۇق شەكىلدىكى قوراللار ۋە يونۇش - قىرىش قوراللىرى كۆرۈلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۆڭەك قوراللارمۇ كۆرۈلگەن. يىغىمچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. يۈز يىل مابەينىدە، كونا قۇرۇقلۇقتىن ھازىرغىچە ئوندەك ئورۇندا تاشقا ئايلانغان قەدىمكى ئادەملەر تېپىلغان، جەمئىي 200 دىن ئارتۇق يەككە تەن بار.