Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
قەدىمكى دەۋر
ئۇنىۋېرسال
古代
gǔ dài
دۇنيا تارىخى
古代
gǔ dài
ئادەتتە قۇللۇق تۈزۈم دەۋرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. سىنىپلارغا بۆلۈنگەندىن تارتىپ (يېزىق بىلەن خاتىرىلەش باشلانغاندىن تارتىپ) قۇللۇق تۈزۈم يىمىرىلگەنگە قەدەر كەڭ مەنىدىكى قەدىمكى دەۋر ئىپتىدائىي كوممۇنا دەۋرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەرقايسى دۆلەت. ھەرقايسى مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن دەۋر چېكىمۇ بولمايدۇ. مىسىر، مېسوپوتامىيە ۋادىسى، ھىندىستان، پارىس قاتارلىق جايلار تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅩ ئەسىردىن مىلادىنىڭ دەسلىپىدىكى بىرقانچە ئەسىرگە توغرا كېلىدۇ. گرېتسىيە بىلەن رىم تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردىن مىلادى Ⅴ ئەسىر (مىلادى 476 - يىلى)لەرگە توغرا كېلىدۇ. لېكىن جۇڭگو تارىخشۇناسلىقىدا بولسا، جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرى فېئوداللىق دەۋرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.