Uyghurئاساسىي لۇغەت
قەبىلە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قەبىلە، ئۇرۇق:
ئاتايۇ ئانايۇ قەبىلە بارى،
تاپىپ ئانى ئىلتىپ قەبايىل سارى.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۇرۇق، تۈركۈن، قەۋم، ئۇلۇس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر ئەجدادتىن تارقالغان، قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان كىشىلەر توپى.
ياخشى قوۋم يامان ناخشا ئېيتماس. ئۆز ئېلىڭنىڭ بېشى بولساڭمۇ سايىدىكى تېشى بول. ئەلگە كىرگىن ئېلىڭچە، سۇغا كىرگىن بېلىڭچە. ئۆز ئۇرۇقىغا تارتمىغان ئۆزىنى ئورۇنسىز ياشىدىم دېسۇن.
دۇنيا تارىخى
ئىپتىدائىي جەمئىيەت تەشكىلاتى قاتارىدىكى بىر قاتلام تەشكىلات. قانداشلىق يېقىن بولغان بىرقانچە ئۇرۇقداشلىق ياكى قېرىنداشلىقتىن تەشكىل قىلىنغان. ئۇرۇقداشلىق بىلەن بىرۋاقىتتا مەيدانغا كەلگەن. قۇرۇلمىسى ئاددىي بولغان ئىپتىدائىي قەبىلىلەر ئىككى ياكى ئىككىدىن يۇقىرى ئۇرۇقداشلىقتىن تۈزۈلگەن. ئانا جەمەت ئۇرۇقداشلىقى تازا روناق تاپقان مەزگىلدە، نۇرغۇن ئۇرۇقداشلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، تەشكىلىي بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان قەبىلىلەر بارلىققا كەلگەن. مورگان خاتىرىلىرىدە بايان قىلىنغان شىمالىي ئامېرىكا ئىندىئانلىرى ئىچىدىكى ئروكىزلار مۇشۇنداق قەبىلە پاكىتى بىلەن تەمىنلەندى. قەدىمكى يۇنانلىقلار ۋە رىملىقلار قەبىلىلىرى بولسا ئاتا جەمەت ئۇرۇقداشلىقى دەۋرىدىكى قەبىلىلەر پاكىتى بىلەن تەمىنلەندى. ئۇنىڭ ئومۇمىي خۇسۇسىيىتى ۋە فۇنكىسىيىسى شۇكى، ئورتاق زېمىنى ۋە نامى بار؛ ئورتاق يەرلىك تىلدا سۆزلىشىدۇ؛ ئۇرۇقداشلار سايلىغان ئۇرۇق باشلىقىدا ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ئېلىپ تاشلاش ھوقۇقى بار؛ ئورتاق دىنىي ئېتىقادى ۋە رەسىم قائىدىسى بار؛ ئۇرۇق باشلىقلىرىدىن قەبىلە كېڭىشى تەشكىل قىلىنىپ، ئورتاق ئىشلار بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، ئورتاق مەنپەئەت قوغدىلىنىدۇ، بەزى قەبىلىلەردە ئەڭ ئالىي باشلىق قويۇلىدۇ. قەبىلىلەر سىنىپىي جەمئىيەتكە ۋە دۆلەتكە ئۆتۈش دەۋرىدە ئومۇمەن ھەربىي دېموكراتىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
قانداشلىق مۇناسىۋىتى ئۆزئارا يېقىن بولغان بىر نەچچە ئۇرۇقنىڭ قوشۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن كىشىلەر توپى، گۇرۇھى.
تۈركىي قەبىلىلەر، قەبىلە تىلى.