Uyghurئاساسىي لۇغەت
قىبلە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مۇسۇلمانلار ئىبادەت قىلغاندا يۈزلىنىپ ئالدىنى قىلىپ تۇرىدىغان تەرەپ، مەككە تەرەپ:
سەدرى بابادىن بىرى دەرجۇش ئېرۇر،
رويى قىلبە بىرلەرى خامۇش ئېرۇر.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يۆنۈلۈش تامانى، ناماز ئوقۇغاندا يۈزنى يۆنەلدۈرۈپ تۇرىدىغان ياق؛ مەككە تەرەپ.
بىئولوگىيە
مۇسۇلمانلار ناماز ئوقۇغاندا يۈزىنى قىلىدىغان تەرەپ كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مىلادىيە 622 - يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندا يەھۇدىيلارنىڭ ئادىتى بويىچە يۈزىنى ئېرۇسالىمغا قىلىپ ناماز ئوقۇغان. 623 - يىلى مەككىدىكى كەبىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقىم، بىرلىككە كەلگەن قىبلىسى بولدى. مەسچىتلەردىكى مېھراب قىبلە تەرەپتە بولىدۇ.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
كەبە قىبلە دېيىلىدۇ. مۇسۇلمانلار ناماز ئوقۇغاندا يۈزىنى كەبە تەرەپكە قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
مۇسۇلمانلار ناماز ئۆتىگەن ياكى خۇداغا سېغىنغان چاغلاردا ئالدىنى قىلىپ تۇرىدىغان يۆنىلىش، تەرەپ؛ مەككە تەرەپ.
قىبلىگە قاراپ ناماز ئوقۇماق.