Uyghurئاساسىي لۇغەت
قازرىشدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قايرىشتى، تولغاشتى؛ رەت قىلىشتى.
ئول مەنىڭ بىرلە بويۇن قازرىشدى _ ئۇ مېنىڭ بىلەن (بەسلىشىپ) بويۇن قايرىشتى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق. ئولار ئىككى سۆز قازرىشدى _ ئۇلار ئىككىسى (بىر - بىرىنىڭ) سۆزىنى رەت قىلىشتى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئىشى ئانىڭ ئارتاشىپ
ئوغراق بىلە ئۆرتەشىپ
بوينىن ئالىپ قازرىشىپ
تۇتغۇن ئالىپ قۇل ساتار
ئۇنىڭ ئىشى بۇزۇلۇپ،
ئوغراق بىلەن ئۆرتىشىپ (ئوت قويۇشۇپ)،
بوينىنى ئېلىپ قايرىشىپ،
تۇتقۇن ئېلىپ قۇل ساتىدۇ.
بىر تۇتقۇن تەسۋىرلىنىپ شۇنداق دېيىلىدۇ: ئۇنىڭ ئىشى چاتاق بولدى، ئۇلارنىڭ ھەممە ئايماقلىرى باشقا قەبىلىلەرگە دەھشەت سالدى، بىر - بىرىنىڭ بويۇنلىرىنى قايرىشقاندىن كېيىن ئەسر ئېلىندى، تۆلەم ئۈچۈن قۇل قىلىنىپ سېتىلىدىغان بولدى.
2 - 315