Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
قاتتىق سۆڭەك
دائىرە: بىئولوگىيە硬骨
yìnggǔ
ئادەتتىكى سۆڭەكلەر. ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار سۆڭەكلىرىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، كۈمۈرچەك (يۇمشاق سۆڭەك) كە نىسىپىي ھالدا بېرىلگەن نام. ئۇ ئاساسەن سۆڭەك توقۇلمىسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئىچىگە ھايات سۆڭەكلىرى ھۈجەيرىلىرى، نۇرغۇنلىغان قان تومۇر، لىمفا تومۇرلىرى ۋە نېرۋىلار تارقالغان. زىچ جايلاشقان سۆڭەك توقۇلما قىسمىدا ئوخشاش مەركەزلىك چەمبەر شەكلىدە تىزىلغان <خاۋېرسىئان سىستېمىسى> بولۇپ، سۆڭەك توقۇلمىسىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر خىل يول ھېسابلىنىدۇ. سۆڭەكنىڭ سىرتقى يۈزىنى سۆڭەك پەردىسى ئوراپ تۇرىدۇ، ئىچكى قىسمىدا يىلىك بولىدۇ. مورفولوگىيىسى ۋە فۇنكسىيىسى ئوخشىمىغانلىقتىن ئادەتتە سۆڭەكلەر ئۇزۇنچاق سۆڭەك (مەسىلەن، قول يىلىك سۆڭىكى، يوتا سۆڭەك قاتارلىقلار)، قىسقا سۆڭەك (مەسىلەن، بېغىش سۆڭەكلىرى، ئوشۇق سۆڭەكلىرى قاتارلىقلار)، ياپىلاق سۆڭەك (مەسىلەن، چوققا سۆڭىكى، ماڭلاي سۆڭىكى قاتارلىقلار) ۋە تەرتىپسىز (شەكىلسىز) سۆڭەك (مەسىلەن، ئومۇرتقا سۆڭىكى قاتارلىقلار) دىن ئىبارەت تۆت خىلغا بۆلۈنىدۇ. سۆڭەك تەركىبىدە 65 پىرسەنت مىنېرال ماددىلار ۋە 35 پىرسەنت ئورگانىك ماددىلار بولىدۇ. شۇڭا ھەم قاتتىق ھەم ئېلاستىكىلىققا ئىگە. لېكىن ئادەتتە ياشقا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.
دائىرە: تېببىي硬化骨胳
yìng huà gǔ gē
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.