Uyghurئاساسىي لۇغەت
قاتتىق قۇرۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
«قاتتىق - قۇرۇق»مېھمانغا تەكەللۇپ يۈزىسىدىن ئېيتىلغان ئۆززىخاھلىق.
«چۆپچۈل» قەشقەر شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
قاتتىق - قۇرۇق بولۇپ قالدى، خاپا بولماڭلار. «داستىخىنىمىز غورىگىل بولسىمۇ، كۆڭلىمىز سىلىنى تارتتى. مېھماننى ياخشى كۈت، چۆپچۈل بولۇپ قالمىسۇن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھەر جەھەتتىن قىس
پاراۋان، باياشات، ئاسايىش
ھەممە جەھەتتىن كەڭ - تاشا
چۈمۈلە ياز بويى يىغار يېمەك - دان، شۇڭا قىشتا بولار ئۇۋىسى پاراۋان. باياشات ياشاي دېسەڭ پاك بول. ئاسايىش كۈنلەر كەلسە قۇچاق ئاچ. غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرگەننىڭ دىلى پاك. داستىخان چۆپچۈل بولسىمۇ، كۆڭۈل شاد بولسۇن. قاتتىق - قۇرۇق ياشىساڭمۇ خىيانەت قىلما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
قۇرۇپ قېتىپ قالغان؛ پارچە - پۇرات.
رەپقەت ئىشتىن كېيىن قاتتىق - قۇرۇق ناننى ھۇزۇرلىنىپ يەپتۇ.
نازۇ نېمەتلەر كەمچىل، غورىگىل.
- جانابلىرى مۇبارەك قەدەملىرىنى بېسىپ بۇ يەرگە كەلگەن ئىكەنلا، پىقىر قاتتىق - قورۇقلا ئۇزىتىپ قويۇشقا كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ.
كۆڭۈلگە قاتتىق تېگىدىغان، قوپال، قاتتىق (مۇئامىلە، گەپ - سۆز ھەققىدە).
ئەمەلىيەتتىمۇ سانىخان توختىنىڭ مۇنداق قاتتىق - قۇرۇق گەپلىرىنى كۆتۈرەلمەيتتى.
مۇھىم بولمىغان، ئۇششاق - چۈششەك، پارچە - پۇرات (ئىش، خىزمەت ھەققىدە).
ئانىنىڭ قۇربى يەتمەيدىغان نۇرغۇن ئېغىر قاتتىق - قۇرۇق ئىشلارنى نىجات قىلىپ بېرەتتى.