Uyghurئاساسىي لۇغەت
قاتلىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قەغەز، رەخت ۋە شۇ قاتارلىق نېپىز، يۇپقا نەرسىلەرنى پۈكلەپ قەۋەتلىمەك.
ئۇ تاغارلارنى قائىدە بويىچە قاتلاپ، تۆمۈر كوزۇپنىڭ ئىچىگە ئىرغىتىپ تاشلىدى.
ھەسسىلىمەك، ھەسسىلەپ ئاشۇرماق، ئارتقۇزماق.
بىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىمىزنىڭ ئومۇمىي كۈرەش نىشانىسى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش شەرتى ئاستىدا، مەملىكەت بويىچە سانائەت، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يىللىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنى 2000 - يىلىغا بارغۇچە ئىككى قاتلاشتىن ئىبارەت.
قىسقارتماق.
ئۇندا ئىشچان كىشىلەر دادىل ئالغا ئاتلايدۇ. يىللىق ئىشنى - سۈرئەتنى ھەپتە، ئايغا قاتلايدۇ.
كۆچمە. ياپماق، يېپىپ قويماق؛ تاشلىماق، بولدى قىلماق.
ئۆمۈر زىخلاشتى دەپ ھەرگىز ئوقۇشنى قويمىغىن قاتلاپ، ياشانغاندا بىلىمدەك يارىشار ھېچ نەرسە يوق ئى بار.