Uyghurئاساسىي لۇغەت
قاتلام
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئېپىك تۈرلىرىدە مەزمۇننىڭ ئالدىن - كېيىنلىك تەرتىپىنى تەشكىل قىلىدىغان ئەڭ كىچىك بۆلەك قاتلام بولىدۇ. قاتلاملاردىن ئابزاس شەكىللىنىدۇ.
بىر ئەسەر ئومۇمەن بىر نەچچە بۆلۈم، ئابزاس ۋە قاتلاملاردىن تەشكىل تاپىدۇ. ھەر قايسى بۆلۈملەرنىڭ رەتكە تىزىلىشىدا ئاۋال نېمىلەرنى بايان قىلىش، ئاندىن نېمىلەرنى بايان قىلىش تەرتىپى بولىدۇ. مۇشۇ تەرتىپ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلسا، ئەسەرمۇ رەتلىك، راۋان، ئېنىق، چۈشىنىشلىك بولۇپ چىقىدۇ.
ئەسەرنىڭ قاتلاملىرىنى بىر باشتىن، رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇشتىن تاشقىرى، ھەمشە ئۇچرايدىغان مۇنداق ئۇسۇللارمۇ بار. يەنى، 1. ماتېرىيال مەزمۇنىغا ئاساسەن قاتلام تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش. 2. تېيىزلىكتىن چوڭقۇرلۇققا قاراپ پەيدىنپەي ئورۇنلاشتۇرۇش. 3. ئورۇن - جاي، كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئورۇنلاشتۇرۇش. 4. ئوخشىمىغان پېرسوناژلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سىنىپلارنىڭ ھەربىر ئىجتىمائىي گۇرۇپپىسى، ئاھالە، جەمئىيەتنىڭ بىر قىسىمى.
زىيالىيلار تەبىقىسى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ بىر قىسىمى. رەھبەرلىك قاتلىمى پاك بولسا، ئاساسىي قاتلاممۇ پاك بولىدۇ. دېھقانلار ياللانما دېھقان، كەمبەغەل دېھقان، ئوتتۇرا دېھقان ۋە باي دېھقان دېگەن تەركىبلەرگە بۆلۈنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
مەلۇم قېلىنلىقتىكى ياكى قات - قات ھالەتتىكى نەرسىلەرنىڭ ھەر بىر قەۋىتى، قېتى.
ئاتموسفېرا قاتلىمى. مۇز قاتلىمى.
<گېئول> تەركىبى ئاساسەن بىر خىل بولغان چۆكۈندىلەردىن ئىبارەت تاغ جىنىسلىرى قەۋىتى.
ھاك قاتلىمى. كۆمۈر قاتلىمى. شېغىل قاتلىمى.
كۆچمە. كىشلەرنىڭ ئورتاق خۇسۇسىيەت ۋە بەلگىلىرىگە ئاساسەن بىرلەشكەن گۇرۇپپىسى، توپى؛ تەبىقە.
زىيالىلارنىڭ قاتلىمى.
كۆچمە. تەۋەلىك مۇناسىۋىتى جەھەتتىن بۆلۈنگەن ھەر دەرىجە: ئاساسىي قاتلام.
مەكتىپىمىزدىكى ئوتتۇرا رەھبەرلىك بەنزىسىنى تەرتىپكە سېلىش خىزمىتى ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويدى.