Uyghurئاساسىي لۇغەت
قاش
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
قاپاقنىڭ ئۈستىدىكى تۈك.
قاراقاش، قەلەم قاش، قوشۇما قاش. * قاش ئاتماق. *قاشنىڭ راستلىقى ئەگرىلىكىدۇر (ماقال). * قاشقا سانىساڭ كۆزگە، ياتقا سانىساڭ ئۆزگە (ماقال) . * بالا - قازا قاش بىلەن كىرپىلنىڭ ئارىلىقىدا (ماقال) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئېرىق - ئۆستەڭ، دەريا - كۆللەرنىڭ قىرغىقى.
ئېقىن سۇ ئاۋۋال قاشنى بۇزار
(ماقال) . * يول يۈرسەڭ باشقا چىق، سۇ ئۈزسەڭ قاشقا (ماقال) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
قاشتاش.
يۇرۇڭقاش، ئاق قاش. * قاش بىلەيزۇۈك.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
يان، قاسناق.
قىيىن ئىشنىڭ بېشىغا، باتۇر كېلەر قېشىغا (ماقال) .
ناكەس كەلدىمۇ ئىشىنىڭ بېشىغا،
بارمىغىن تەلەپ بىلەن قېشىغا.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئىگەر قېشى.
ئايرىلغان دوست ئېگىرىنىڭ قېشىنى سۇندۇرار (ماقال) .
«قاش» تىن بىر تۇيۇق:
يارماش سەن بەخىتنىڭ ئېگىز قېشىغا،
كۆيدۈم دەپ ئولتۇرماق خېنىم قېشىغا،
چىن كۆيسەڭ ئىجاد ئەت خەلقىڭ - ئېلىڭگە،
سوۋغاتنى ئېلىپ بار ئەلنىڭ قېشىغا.
_ ئەركىن ئەبەيدۇللا.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ھۇزۇر، ئالد ى. قارشىسى:
چىقىپ كەتتى تۈن قاشدىن قۇياشىم ئىزتىراب ئەيلەب،
ئانىڭدەك دەيكى، جان چىقمىش بۇ جىسمىمدىن شىتاب ئەيلەب.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
<قاچ> قا ئوخشاش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دەريا، دېڭىز، كۆللەرنىڭ ئەتراپى.
كىچىك قولۋاقنىڭ قىرغاققا يېقىن ئۈزگىنى ياخشى. ئېقىن سۇ ئالدى بىلەن قاشنى بۇزىدۇ. بىلىم دېڭىزىنىڭ ساھىلى بولماس. دەريا بويى سالقىن بولىدۇ. كۆلنىڭ قىرىدا ئولتۇرۇپ دەم ئالدۇق. گىرۋىكى يوق ئېرىقتا سۇ يېيىلىپ ئاقىدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قاش.
كۆز ئۈستىدىكى قاش.
3 - 207
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قاشتاش.
بۇ بىر خىل سۈزۈك تاش بولۇپ، ئاق ۋە قارا رەڭلەردە كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئېقىنى گۈلدۈرمامىدىن، ئۇسسۇزلۇقتىن ۋە چاقماق چۈشۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۈزۈككە كۆز قىلىدۇ.
قاش ئۆگۈز _ قاش ئوگۇز. خوتەن شەھىرىنىڭ ئىككى يېنىدا ئاقىدىغان ئىككى دەريا. بىرى « ئۈرۈڭ قاش ئۆگۈز _ يۇرۇڭقاش دەرياسى» دېيىلىدۇ. بۇ يەردىن سۈزۈك ئاق تاش چىققاچقا، دەريامۇ شۇ نام بىلەن ئاتالغان. يەنە بىرى « قاراقاش ئۆگۈز _ قارىقاش دەرياسى» دېيىلىدۇ. بۇ يەردىن سۈزۈك قارا تاش چىقىدۇ. بۇ تاشلار دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىن چىقمايدۇ، پەقەت مۇشۇ يەردىنلا چىقىدۇ.
3 - 208
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قاش، قىرغاق.
ھەر قانداق نەرسىنىڭ قېشى، قىرغىقى. يار قاشى _ يار قېشى، يارنىڭ قىرغىقى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق.
3 - 208
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
قاش - ئەسلى قاشتېشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ قەدىمىدە پۇل ئورنىدا ئىشلىتىگەنلىكى مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە پۈتۈلگەن <ئۇيغۇر مەھكىمىسىنىڭ خەت - چەكلىرى> دېگەن كىابتا يېزىلغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلىدۇ: <qash پۇل، قاش. تۈرك تىلىدىن كەلگەن بولۇپ، قاشتېشىنى كۆرسىتىدۇ>. <قاش> يەنى قاشتېشى قىممەتلىك گۆھەر تاشلارنىڭ ئىسلى بولغاچقا قەدىمدىن بۇيان ئەتىۋارلىنىپ كەلمەكتە. شۇڭا ئۇنىڭ پۇل ئورنىدا ئىشلىتىلىشى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن. لېكىن پارس تىلىدا <قاش> بىر خىل كىچىك پۇل بىلەن قىممىتى ئانچە يۇقىرى بولمىغان قەغەز پۇلنىڭ خاس نامى.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تۆپە، چوققا
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
مەڭگۈ تاش، ئاتالغان تاش
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كۆز قاپىقىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىكى تۈكلەردىن تەشكىل تاپقان يايسىمان سىزىق.
قارا قاش، قاش ئاتماق.* بېشىدا بارنىڭ قېشىدا بار (ماقال).
ئېگەرنىڭ ئادەم ئالدى تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان يايسىمان قىسمى.
ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى مەڭزى ئارقىلىق ئېگىرىنىڭ قېشىغا ۋە ئاتنىڭ يالىغا تېمىشقا باشلاپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىر كىمنىڭ ھۇزۇرى، يان، ئالدى.
شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ قېشىغا ئالماس، لەيلىگۈللەر يېتىپ كېلىشتى.
بىرەر نەرسىنىڭ ئورۇنلاشقان يېرى، يېنى، تۈۋى ياكى ئەتراپى.
ئاخىرى ئۇ چوڭ ئۆستەڭنىڭ بويىدىكى كونا تۈگمەن قېشىغا كېلىپ، بىر دەرەخنىڭ كۆتىكىدە ئولتۇردى.
كۆچمە. خۇرۇم ئاياغلارنىڭ پاشنىسىغا ياكى چەمىنىڭ ئۇپراپ كەتكەن يېرىگە قويۇپ مىخلاش ئۈچۈن تەييارلانغان، كۆن، خۇرۇم قاتارلىق نەرسىلەردىن كېسىلگەن كىچىك پۇرۇچ، بۆلەك.
ئاياغنىڭ چەمىگە قاش قويدۇرماق.
يارىم توپلەي كىيىپتۇ، پاشنىسىغا قاش قويۇپ، قاچانلىققا ياتارمىز، بىر تەكيىگە باش قويۇپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دەريا، كۆل، ئۆستەڭ قاتارلىقلارنىڭ ياقىسى، يېنى، بويى.
يول يۈرسەڭ باشقا چىق، سۇ ئۈزسەڭ قاشقا چىق (ماقال).
سۇنى توسۇش ۋە ئۇنىڭ كېلىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ياسالغان توسۇق، قىر.
ھەر يىلى ئەتىياز پەسلى كېلىش بىلەنلا ئۆستەڭ چېپىپ، قاش ياساش، بۇلاقلارنىڭ كۆزىنى ئېچىش باشلىناتتى.
كۆچمە. بۆلەك، تەرەپ.
ئۇلار ئۆزئارا پىكىردە بىرلىككە كېلەلمەي، ئىككى قاشقا بۆلۈنۈپ كەتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىرەر دائىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن توسۇلغان توسۇق.
قاشا مەھكەم بولسا، تۈلكە كىرەلمەس (ماقال).
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
قاشتېشى؛ دەريا، ئېقىنلارنىڭ قىرغىقى.