Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
قارۇشتى يېزىقى
دائىرە: ئۇنىۋېرسال迦罗西蒂文
jiā luó xī dì wén
دائىرە: دۇنيا تارىخى佉卢文
qū lú wén
قەدىمكى زاماندىكى ھىندىستاننىڭ بىرخىل يېزىقى. ئوڭدىن سولغا قاراپ توغرىسىغا يېزىلىدۇ. بۇ سەمېت (سام) تىل سېستىمىسىنىڭ ئارمئانىلار يېزىقى سېستىمىسىغا كىرىدۇ. بۇ يېزىق مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىردىن مىلادى Ⅲ ئەسىرگىچە ھىندىستان يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدا كەڭ قوللىنىلغان. پىشاۋۇر (پاكىستان تەۋەسىدە) ئەتراپىدىن تېپىلغان، پادىشاھ ئاسۇكا دەۋرىدىكى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىر) ئويما يېزىق يادىكارلىقى، ئاساسەن مۇشۇ يېزىق بىلەن يېزىلغان. مىلادى Ⅳ - Ⅴ ئەسىرلەرگە كەلگەندە سانسكرىت يېزىقىنىڭ چەتكە قېقىشى بىلەن بۇ يېزىق پەيدىنپەي يوقالغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.