Uyghurئاساسىي لۇغەت
قارۇن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
باي، ناھايىتى باي كىشى:
چۇقارۇن دېدى: شاھ ئالىجەناب،
سەھىل ئىشمودۇر ئەيلەگىل ئىكتىساب.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تۈگىمەس بايلىققا ئىگە بولغان كىشىنىڭ ئىسمى (ئەدىبىياتتا زور بايلىقتىن كىنايە).
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان شەخس. ئەسلىي مۇسا ئەلەيھىسسالام قوۋمىدىن بولۇپ، چوڭ باي ئىكەن. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ئىلاھلىق ئەقىدىنى تەشۋىق قىلىشىغا قارشى تۇرۇپ، تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقى، كىشىلەرنى ئەزگەنلىكى ئۈچۈن، يەر يېرىلىپ يۈتۈپ كەتكەن.