Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
قارشىلىشىش
دائىرە: بىئولوگىيە拮抗作用
jiékàngzuòyòng
ئىككى ياكى ئىككى خىلدىن ئارتۇق فاكتورنىڭ مەلۇم جانلىققا بىرلا ۋاقىتتا تەسىر قىلىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ھادىسىسى. مەسىلەن، ئۆسۈملۈكنى مەلۇم بىر خىل تۇزنىڭ ئېرىتمىسىدە ئۆستۈرگەندە، ئۆسۈملۈك نورمال ئۆسەلمەيدۇ، ھەتتا ئۆلۈپ قالىدۇ؛ ئەگەر ئۆستۈرۈش سۇيۇقلۇقىغا تەركىبىدە مېتال ئىئونى بولغان باشقا بىر خىل تۇزنى ئارىلاشتۇرغاندا بۇ خىل تۇزنىڭ زەھەرلەش رولىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ ياكى يوقىتىدۇ. بۇ خىل ھادىسە ئىئونلۇق قارشىلىشىش دەپ ئاتىلىدۇ. ئىئوننىڭ ۋالېنتى قانچە يۇقىرى بولسا، قارشىلىشىش رولى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. يەنە مەسىلەن، ئۆسۈملۈك ئائوكسىنى قولتۇق بىخلارنىڭ ئۆسۈشىنى تورمۇزلاپ چوققا ئۈستۈنلىكىنى ساقلايدۇ، بىراق بۇ خىل فىزىئولوگىيىلىك ئېففېكت ئوخشاش ۋاقىتتا ئىشلىتىلگەن ھۈجەيرە مىتوگېنى (6 - بېنزىل ئادېنىن) تەرىپىدىن يوقىتىلىدۇ. ئائوكسىن ئورگانلارنىڭ تۆكۈلۈش ئېففېكتىنى كېچىكتۈرىدۇ، بىراق بۇ ئوخشاش ۋاقىتتا ئىشلىتىلگەن ئابسسىزىك كىسلاتا تەرىپىدىن يوقىتىلىدۇ. ئانتىبئوتىكلارنىڭ باكتېرىيىنى چەكلەش ياكى ئۆلتۈرۈش رولىدا، مەلۇم بىر خىل باكتېرىيىگە ئىككى خىل ياكى ئىككى خىلدىن ئارتۇق ئانتىبىئوتىكنى بىرلا ۋاقىتتا تەسىر قىلدۇرغاندا، ئۇلار ئۆز ئارا قارشىلىشىدىغانلىقتىن، ئۈنۈمى بۇلارنى يالغۇز ئىشلەتكەنگە يەتمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مىكرو ئورگانىزملار ئوتتۇرىسىدا مەلۇم بىر خىل ئاكتىنومىتسېسننىڭ باشقا خىل مىكروئورگانىزملارنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيىشىنى چەكلىگەنلىكى، ھەتتا ئۆلتۈرۈۋەتكەنىكى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ھايۋاناتلاردىكى مۇسكۇل ھەرىكىتىدە، پۈككۈچى مۇسكۇل بىلەن ئۇزارغۇچى مۇسكۇل، كېڭەيگۈچى مۇسكۇل بىلەن يىغىلغۇچى مۇسكۇل، يېپىق مۇسكۇل ۋە كېرىلگۈچى مۇسكۇل قاتارلىقلار بىرلا ۋاقىتتا قىسقارسا بەدەننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىدا قارىمۇ قارشى ھەرىكەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. بۇلارمۇ قارشىلىشىش رولىغا كىرىدۇ.
دائىرە: ئۇنىۋېرسال悲观主义
bēi guān zhǔ yìDھەربىي
抗衡
kàng héngDجامائەت خەۋپسىزلىكى
抗衡
kàng héngDتەنتەربىيە
对抗
duì kàng
مىسال
بۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۇزغا قارشىلىشىش ئىقتىدارى بار.
تەرجىمە: 这些植物具有抗盐性。
biologiyede ishlitilidu
ئىختىساسلىق
دائىرە: خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىشارە تىلىسىياسى، قانۇن
قانۇن
(1) ئىككى قولنىڭ باشمالتىقى ۋە چىمچىلىقىنى چىقىرىپ، ئىككى تەرەپتىن ئوتتۇرىغا يۆتكەيدۇ ھەمدە باشمالتىقى ئۇچىنى ئۆزئارا تەگكۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ قارشىلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. (2) بىر قولنى يۇقىرىغا تۈز چىقىرىپ، ئالىقىنىنى يەنە بىر قولنىڭ بىگىز بارمىقىغا تىرەيدۇ ۋە ئالدىغا بىرئاز يۆتكەيدۇ.
抗拒
kàng jù
دائىرە: خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىشارە تىلىسىياسى، قانۇن
قانۇن
(1) ئىككى قولنىڭ باشمالتىقى ۋە چىمچىلىقىنى چىقىرىپ، ئىككى تەرەپتىن ئوتتۇرىغا يۆتكەيدۇ ھەمدە باشمالتىقى ئۇچىنى ئۆزئارا تەگكۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ قارشىلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. (2) بىر قولنى يۇقىرىغا تۈز چىقىرىپ، ئالىقىنىنى يەنە بىر قولنىڭ بىگىز بارمىقىغا تىرەيدۇ ۋە ئالدىغا بىر ئاز يۆتكەيدۇ
抗拒
kàng jù
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.