Uyghurئاساسىي لۇغەت
قارماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياۋايى ھايۋانلار،ئۇچار قاتلار ۋە سۇ ھايۋانلىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن ياسالغان سايمانلار. كىنايە مەنىسىدە ھىيلە - مىكىر يولى بىلەن ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلىشقا قارىتىلىدۇ. بۇ يەردە شۇ كېيىنكى مەنىدە.
قېرى تۈلكە قاپقانغا چۈشمەس. بىراۋنى قەستلەپ ئورا قازغان ئىنسان، ئاقىۋەت ئۆزىگە قۇرار قاپقان. قۇشقاچقا قۇرغان تۇزاققا لاچىن چۈشمەس. دۈشمەن كۈلىدۇ. ئارقىدىن تاپان - تۇزاق قۇرىدۇ. ساڭا قىسماق قۇرغانغا باسماق قۇر. ئەقىللىق يىگىت ھارامزادىنىڭ تورىغا چۈشمەس. باشقىغا ئورا قازساڭ، ئۆز بويۇڭغا ئۆلچەپ قاز. گۈلدەستىنىڭ كەينىدىن بىللە كېلىدىغىنى سىرتماق. بىر قېتىم دامغا چۈشكەن بىر ئەقىل تاپار. قىلسا تۈگىمەيدىغان ئىش يوق، قىلتاققا چۈشمەيدىغان قۇش يوق. بېلىق قارماقنى كۆرمەس، يەمچۈكنى كۆرەر.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قارشىلاشماق، قارشى تۇرماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بېلىق تۇتۇش ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان ئىلمەككە ئوخشاش قورال. ئۇچى ئۆتكۈر بولىدۇ. ئۇچىغا قايرىلغان تىل چىقىرىلىدۇ.
قارماق تاشلىماق. قارماق سالماق.
كۆچمە. بىرەر كىشىنى ياكى نەرسىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىلىندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بىۋاستە، تەدبىر؛ تۇزاق؛ دام.
قارماققا ئىلىنماق، قارماققا چۈشمەك.
بەزى نەرسىلەرنى قاماللاپ تۇتۇپ تۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان مېتال ئىسكاپ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
بېلىق تۇتۇش قورالى. پەملىك، دىتلىق كىشى.