Uyghurئاساسىي لۇغەت
قارىلىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆلۈم - يېتىمگە بىلدۈرۈلگەن قايغۇ - ھەسرەت.
ماتەمگە ماتەم كۈيىدىن باشقا ناخشا ياراشماس. ئالتە خوتۇن ھازىغا بارسا، ئۆز مۇڭىنى تۆكىشەر. قارىلىقتا قارنى ئاچقان بىلىنمەس. غەيۋەت ئۆيۈمنى بۇزدى، مۇسىبەت كۆڭلۈمنى. غەمكىن قارا كۈندە كىم ساڭا يار، خۇشال كۈنىڭدىمۇ ئۇنتۇما زىنھار. ھالال مېلىم، ئاق مېلىم، قارا كۈنگە ساقلىدىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. قارا ھالەت، قارا كۆرۈنۈش.
كەلسە ئىھ، ئاراملىق تاڭنىڭ مەزگىلى، قارىلىق نامىمدىن بولسام مەنمۇ ئاق. تەتقىقات ئىشمنى ئەتسەم ۋە داۋام، پەن بىلىم يولىدا ئۆرلىسەم ھەر ۋاق.
سۈپ. بىرەر يېقىن كىشىسى ياكى مۆتىۋەر ئادەمنىڭ ئۆلۈمى مۇناسىۋىتى بىلەن شۇ كىشىنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن كىيىلىدىغان، ئارتىلىدىغان ياكى باغلىنىدىغان.
ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، داغىلە خوجا ئەكبەر پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ ئالدىدا قارىلىق كىيىملەر بىلەن پەيدا بولۇپتۇ.
ئى. شۇنداق چاغلاردا كىيىلىدىغان كىيىم؛ رومال، بەلباغ قاتارلىقلار.
قارلىق باغلىماق، قارلىق كىيمەك.
ئى. ئويۇن - چاقچاق، شاد - خۇراملىق ۋە شۇنىڭدەك ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدىن ئۆزىنى خالىي تۇتۇش، چەكلەش.
قارلىق تۇتماق، قارىلىقنى سۇندۇرماق.
يامانلىق، زەھەرخەندىلىك.
كۆڭلى قارىلىق قىلماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ياغاچچىلار ياغاچقا قارا تارتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئەسۋاب. ئۇنىڭ قارا رەڭ قاچىلىنىدىغان قۇتىسى ۋە ياغاچنىڭ يۈزىگە ئىز چىقىرىدىغان ئىنچىكە يىپى بولىدۇ.