Uyghurئاساسىي لۇغەت
قاراسۇق مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
سوۋېت ئىتتپاقى سېربىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بورونزا دەۋرى مەدەنىيىتى. ئەڭ دەسلەپ مىنوشنىسىك يېنىدىكى قارا سۇق دەرياسى بويىدا تېپىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇ مەدەنىيەنتىڭ دەۋرى مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ ئاخىرى، 1000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ باشلىرىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆپىنچە قەبرىلەر قالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەتراپى يەر يۈزىگە تىك قويۇلۇپ قوپۇرۇلغان يالپاق تاشلاردىن ياسالغان تۆت بۇلۇڭلۇق تاملار بىلەن ئورالغان. گۆرلەرنىڭ ئچكى تامىرى قومساڭغۇ پالپاق تاشلار بىلەن ياسالغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۈۋرۈكسىمان تاش ئويمىلار بار بولۇپ، تۈۋرۈكلەرنىڭ باش قىسمىغا قوچقار بېشى، ئادەم يۈزى ياكى سىزمىلاشتۇرۇلغان ھايۋان ئوبرازلىرى ئويۇلغان. ئىگىلىكى چارۋىچىلىق، ئاساسلىقى قويچىلىق بولغان. پاترىئارخاللىق ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىگە مەنسۇپ. بۇنىڭ تىپىك قوراللىرى ئەگرى ساپلىق برونزا پىچاق، يايسىمان مىس قوراللاردىن ئىبارەت. بۇ مەدەنىيەتنىڭ جۇڭگونىڭ شاڭ، جۇ دەۋرلىرى بىلەن باغلىنىشلىقى بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن.