Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
قارا - كۆكلەر ئىتتپاقى
دۇنيا تارىخى
黑蓝联盟
hēi lán lián méng
1909 - يىى گېرمانىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى بىلەن كاتولىك دىنى مەركىزىي پارتىيىسى پارلامېنتتا تەشكىللەنگەن ئەكسىيەتچىل ئىتتىپاق. ەركىزىي پارتىيە مىسسىئونېرلىرى قارا ئۇزۇن تون كىيدىغانلىقى، كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ قېنى <كۆك رەڭلىك> بولغانلىقىغا قاراپ، مۇشۇنداق ئاتالغان. 1908 - يىلى، بيۇلوۋ ھۆكۈمىتىنىڭ غايەت زور ھەربىي خىراجەت چىقىمى كەلتۈرۈپ چىقارغان دۆلەت خامچوت قىزىل رەقىمى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، پارلامېنتتا ئوتتۇرغا قويغان مالىيەنى ئىسلاھ قىلىپ مىراس بېجى ئېلشنى قانۇن لايىھىسى يۇنكېر پومېشچىكلار سىنىپىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغىغان.1909 - يىلى 6 - ئايدا، كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى بىلەن مەركىزىي پارتىيە ئىتتىپاق تۈزۈپ، پارلامېنتتا مىراس بېجى توغرىسىدىكى قانۇن لايىھىسىنى ئىنكار قىلىپ، بيۇلوۋ ھۆكۈمتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ ئىتتىپاق بېتمانن - خوللۋېگنىڭ باش ۋەزىر بولۇشىنى كۈچىنىڭ بارىچە قوللىغان، بارلىق ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلارغا قارشى تۇرغان.