Uyghurئاساسىي لۇغەت
قارا دېڭىز
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
ياۋروپا قىتئەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بالقان يېرىم ئارىلى بىلەن غەربىي ئاسىيادىكى كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلى ئارىسىدا كۆلىمى تەخمىنەن420 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بىر ئىچكى دېڭىز بار. بۇ دەل قارا دېڭىزدۇر. كېمىگە ئولتۇرۇپ قارا دېڭىزدا سەپەر قىلسىڭىز، پەقەت قارامتۇل تىك كەلگەن دېڭىز قىرغاقلىرى بىلەن قوڭۇر رەڭدىكى دېڭىز سۈيىنىلا كۆرىسىز، دېڭىز رايونىدا ھاياتلىقتىن ئەسەر يوقتەك بىلىنىدۇ.
قارا دېڭىزنىڭ غەربتىن شەرققىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى1180 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئەڭ تار جايىنىڭ كەڭلىكى263 كىلومېتىر كېلىدۇ. شەرقىي جەنۇبى قىرغىقىدا غايەت زور تاغ تىزمىلىرى بار، غەربىي شىمالى قىرغىقىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى بىرقەدەر پەس، ئاساسەن بىر يېپىق ھالەتتىكى سۇ رايونىدۇر، ئۇنىڭ شەرقىي ئۇچى كېرچ بوغۇزى ئارقىلىق ئازوۋ دېڭىزىغا تۇتىشىدۇ؛ غەربىي جەنۇبى بوسفور بوغۇزى، مەرمەر دېڭىزى ۋە داردانىل بوغۇزى ئارقىلىق ئوتتۇرا دېڭىزغا تۇتىشىدۇ.
قارا دېڭىزنىڭ تۇزلۇقلۇقى گەرچە بىرقەدەر تۆۋەن، يەنى ئوتتۇرىچە تۇزلۇقلۇقى ‰ 22دىن كىچىك بولسىمۇ، چوڭقۇرلۇقى155 مېتىردىن310 مېتىرغىچە كېلىدىغان بەزى دېڭىز رايونلىرىدا ھېچقانداق ھاياتلىق يوق بولۇپ، بۇنداق جايلار بېلىقلارمۇ بارالمايدىغان »ئۆلۈك رايون« غا ئايلانغان. قارا دېڭىز نېمە سەۋەبتىن جىمجىتلىق باسقان دېڭىزغا ئايلىنىپ قالغان؟
ئالىملارنىڭ ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشىدىن قارىغاندا، جانلىقلار ھايات كەچۈرەلمەيدىغان بۇنداق دېڭىز رايونى ھىدروسۇلفىدنىڭ بۇلغىشى تۈپەيلىدىن ئوكسىگېن كەمچىل بولغان رايون ئىكەن. قارا دېڭىز بىلەن ئوتتۇرا دېڭىز سۈيىنىڭ ئالمىشىشى داۋامىدا قارا دېڭىزنىڭ تۇزلۇقلۇقى بىرقەدەر تۆۋەن بولغان دېڭىز سۈيى ئۈستى قاتلام ئارقىلىق »قوشنىسى« بولغان ئوتتۇرا دېڭىزغا چىقىدۇ، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ ھەم تۇزلۇق، ھەم ئېغىر كەلگەن سۈيى دېڭىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمى ئارقىلىق قارا دېڭىزغا كىرىدۇ، يەنە كېلىپ قارا دېڭىز سۈيىنىڭ ئېقىش سۈرئىتى ئاستا، يۇقىرى - تۆۋەن سۇ قاتلىمى ئارىسىدا كونۋېكسىيىلىك ئايلىنىش يېتەرسىز بولغاچقا، ئۇزاق يىللاردىن بۇيان بۇلغىنىپ كېلىۋاتقان دېڭىز رايونى تەبىئىي ھالدا »ئۆلۈك رايون« غا ئايلىنىپ قالغان.
قارا دېڭىز ئەتراپىدا ئۇكرائىنانىڭ ئودېسسا پورتى، بۇلغارىيىنىڭ بۇرگوس پورتى، رۇمىنىيىنىڭ كونستانچا پورتى ۋە تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل پورتى قاتارلىق مۇھىم پورتلار بار. بۇ جاينىڭ ياز پەسلى سالقىن، كۈز پەسلى ئىللىق، قىش پەسلى قىسقا، ئەتىياز پەسلى ئۇزاق بولۇپ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسى كىشىلەرگە بەك ياقىدۇ. دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان قىرىم يېرىم ئارىلى قاتارلىقلار دۇنياغا مەشھۇر ساياھەت قىلىدىغان ھەم دەم ئېلىپ داۋالىنىدىغان جايلاردۇر.
دۇنيادىكى شەھەرلەر
شىمالىي مۇز ئوكياننىڭ قىرغاق دېڭىزى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى يەر ئارىلى، ۋاگاچى ئارىلى بىلەن شىمالىي يەر تاقىم ئاراللىرى ئارىسىغا جايلاشقان. شەرق، غەرب تەرەپلىرى ئايرىم - ئايرىم بوغۇز ئارقىلىق پتىۋنچ، بارېنتىس دېڭىزلىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ، مەيدانى 883 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 127 مېتىر، ئەڭ چوڭقۇر جايى 620 مېتىرغا يېتىدۇ. ئوب، يېنسەي قاتارلىق دەريالار قۇيۇلىدۇ. تۇز تەركىبى 20%-35% گە، دېڭىز قىرغاقلىرىدا %10-%12 گە يېتىدۇ. ھاۋاسى قاتتىق سوغۇق، قىشلىقى ئۇزۇنغا سوزۇلغان كېچە بولىدۇ، قار - شىۋىرغانلىق كۈنلەر كۆپ بولىدۇ، يازلىقى ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۈندۈزى ھەم تۇمانلىق بولىبدۇ. دېڭىز قىرغاقلىرىنى لەيلىمە مۇزلار قاپلاپ تۇرىدۇ. 7 -، 10 - ئايلار ئارىلىقىدا مۇز يارغۇچ پاراخوتلارنىڭ ياردىمى بىلەنلا قاتناش قىلىشقا بولىدۇ، بۇ جايلاردا شىمالىي ياۋروپا تيۇلىنى، ئاق كىت، شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى قاتارلىق ھايۋانلار ياشايدۇ، مۇھىم پورتلىرىدىن دىكسۇن، ئوب دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى نوۋىي پورت قاتارلىقلار بار.