Uyghurئاساسىي لۇغەت
قاراچى
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
قاراچى، ئىشىكمۇ ئىشىك يۈرىدىغان تىلەمچى، قەلەندەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر دۆلەتنىڭ تەۋەلىكىدىكى ۋە شۇ دۆلەتنىڭ قانۇنى بويىچە ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ، مەجبۇرىيىتىنى ئۆتەيدىغان كىشى.
ئىككى پۇتىدا تىك تۇرغان پۇقرا، تىز پۈككەن ئەربابتىن ئەلا. ئەت قويسا ئامبال، يوق سوراق، پۇقرا ياقالمايدۇ چىراق. رەئىيەدىن قولۇڭنى تارتىما. گراژدان ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىشى كېرەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىشلەردىن پۇل _ مال، نەرسە _ كېرەك تىلەپ تىرىكچىلىك قىلغۇچى.
« قەلەندەر »،« دىۋانە » لەرنى بەزى دىني كىتابلاردا خۇدا يولىدىكى « ئاشىق » دەپمۇ تەرىپلەيدۇ. « ئابدال » كۆپىنچە خاماندىن ئاشلىق تىلەيدۇ.
« تىجىمەل » باشقىلارنىڭ ئۆيىدە ئۇششاق _ چۈش
تىلەمچىنىڭ خالتىسى تۈۋى يوق ھاڭ. ئارزۇ ئەمەلىيەتكە بارۋەر بولسا، تىلەمچى ئاللىقاچان باي بولۇپ كېتەتتى.قەلەندەرنىڭ خۇرجۇنى توشماس. قەلەندەردىن قەلەندەرگە خەير يوق. دىۋانىگە نېپىز نان بەرسەڭ، « قېلىنىنى كىم ئالغان » دەر. ئىتنىڭ قاۋىغىنى بىكار، ھايان دىۋانىنىڭ. ئابدالغا كەپسەن بەرسەڭ، جىڭىڭ راستمۇ دەر. بۇقا بوينىغا يىغار، ئابدال قوينىغا. يالاقچى يالاق بىلەن ماڭىدۇ، تېجىمەل تاباق بىلەن. تېجىمەل كېپەن تاپسا ئۆلۈۋالار.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
تىلەمچى، قەلەندەر، ئىشىكمۇ _ ئىشىك يۈرىدىغان تىلەمچى.
شىۋىلەر
لوپنۇر شىۋىسى
پۇقرا، ئاددىي خەلق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قاراچى.
ئىشىكمۇ - ئىشىك يۈرىدىغان تىلەمچى، قەلەندەر.
1 - 580