Uyghurئاساسىي لۇغەت
قاقشال
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نەملىكى تۈگەپ، قۇرۇپ كەتكەن.
ھۆل نوتا ئېگىلەر قاياققا ئەگسەڭ، قۇرۇقنى توغرىلارغا ئىلاج يوق، ھەر نېمە قىلساڭ. قۇرغاق يەردە سۇ توختىماس. قاقشال دەرەختە مېۋە بولماس.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تەركىبىدە سۇيۇقلۇق يوق ياكى تۈگەپ كەتكەن. قۇرۇق ئوتۇن، قۇرۇق ئۆي
ھۆل، نەم، زەي
تەركىبىدە سۇيۇقلۇق كۆپ. ھۆل ئوتۇن، زەي ئۆي
قۇرۇق ياغاچ ئېگىلمەس. قۇرغاق شاختا مېۋە يوق، قۇرۇق سۆزدە مەنە (يوق). قاقشال دەرەختە مېۋە بولماس، قۇرۇق گەپتە مەنە (بولماس). ئىشتىنىڭنى ھۆل قىلماي بېلىق تۇتىمەن دېمە. ئۇيقۇ غەمدىن قاچىدۇ، بۈرگە نەمدىن. تام زەيدىن ئۆرۈلەر، ئەر غەمدىن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. بەك قۇرۇپ كەتكەن، ناھايىتى قۇرۇق.
قاقشال ئوتۇن، قاقشال دەرەخ.
ئى. قۇرۇپ شاخ ۋە يوپۇرماقلىرى قالمىغان دەل - دەرەخ، يۇلغۇن، چاتقال ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەر.
ئۇ ھەر قېتىم قارا كۆلگە ئوتۇنغا بارسا ھارۋىغا ئاسمان - پەلەك قاقشال بېسىپ چىقاتتى.
سۈپ. كۆچمە. ئورۇقلۇقتىن بىر ئەت - بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان؛ قۇرۇق ئۇستىخان، ناھايىتى ئورۇق، جۈدەڭ.
موماي سىلار قاقشال قولىدا، ئەلەم باسقان ئۇنىڭ بېشىنى، شىۋىرلايدۇ لەۋلىرى تىنماي، كۆزلەر تۆكەر ئۈنچە يېشىنى.