Uyghurئاساسىي لۇغەت
قاقماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر نەرسە بىلەن ئۇرۇپ كىرگۈزمەك.
مىخ قاقماق. قوزۇق قاقماق.
قولى بىلەن ئۇرۇپ ياكى چېكىپ شەپە بەرمەك؛ چەكمەك (ئىشىك، دەرۋازىلار ھەققىدە).
ئىشىك قاقماق.
ئۇرۇپ ياكى سىلكىپ، پۇلاڭلىتىپ ئۈستىدىكى نەرسىنى چۈشۈرمەك، تازىلىماق.
گىلەم قاقماق. پالاس قاقماق. ئۆرۈك قاقماق.
سوقۇپ ئۆتمەك، سوقماق، ئۇرماق.
يان يەرنى شامال قاقىدۇ، چىرايلىققا ھەر كىم باقىدۇ (ماقال).
قولى بىلەن دولا ياكى مۈرىگە ئاستا شاپىلاقلاپ ئۇرماق.
مۈرىسىگە قاقماق.
قاتتىق تەپمەك، قاتتىق سىلكىمەك.
پالتىنىڭ سېپى تۆمۈر ياكى باشقا مېتالدىن بولسا، قولنى قېقىپ ئاغرىتىدۇ.
كۆچمە. ئىتتىرمەك، يەكلىمەك.
ئۇلار ئىشلەپچقىرىش ئارقىلىق سىياسىنى باسىدىغان، سىياسىنى چەتكە قاقىدىغان قارارلارنى چىقاردى.
دىماغ، گال، تاماق، بۇرۇن قاتارلىق ئورگانىزملاردىن ئاۋاز چىقارماق.
گېلىنى قاقماق. تامىقىنى قاقماق.
ھەرىكەتلەندۈرمەك، پۇلاڭلاتماق.
قانات قاقماق.
مۈشۈك ئارقىغا قارىماي قاچتى، توخۇ قاقاقلاپ قانىتىنى قاقتى.
كۆچمە. ئىچمەك، كۆتۈرمەك (ھاراق ھەققىدە).
ئۇ ئۆزىگە تەڭلىگەن رومكىنى پەم بىلەن ئېلىپ بىراقلا قېقىۋەتتى.