Uyghurئاساسىي لۇغەت
قانخور
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ئۆلتۈرۈشكە خۇمار، ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن يانمايدىغان.
قانخۇردىن ئىمان كەپتۇ، پالتىدىن زۇۋان. قانئىچەرنىڭ قولىدىن قان تامىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
باشقىلارنىڭ قېنىنى ئىچىپ ياكى شۈمۈرۈپ ياشايدىغان.
كۆچمە. ئۆلتۈرۈش، قان تۆكۈشكە ئامراق، شۇنداق ئىشقا ئادەتلەنگەن، قاتىل.
قانخور دۈشمەن. قانخور جاللات.
كۆچمە. كىشىلەرنىڭ شەپقەتسىز ئېزىدىغان، قاتتىق ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان؛ زالىم.
دۈشمەن تۈرمىسىدە يېتىپ تۇرۇپمۇ قانخور ئەكسىيەتچىلەرنىڭ ياۋۇزلۇقلىرىغا ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن.