Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا زورلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشكە قۇترىتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
煽动暴力抗柜法律实施罪
shān dòng bào lì kàng guì fǎ lǜ shí shī zuì
بۇ - ئاممىنى دۆلەتنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا زورلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشكە قۇتراتقان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەت قانۇنلىرىنى يولغا قويۇش تەرتىپى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئاممىنى دۆلەتنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا زورلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
278 - ماددا ئاممىنى دۆلەتنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا زورلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشكە قۇتراتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.