Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
قانلىق ھەپتە
دۇنيا تارىخى
血腥的一周
xuè xīng de yī zhōu
پاجىئەلىك ھەپتە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1919 - يىلى 1 - ئايدا ئارگېنتىنانىڭ ئىرىگويېن ھۆكۈمتى پايتەخت - بوئىنوس - ئايرېستىكى ئىشچىلارنى قىرغان قانلىق ۋەقە، بىر ھەپتە ئىچىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1918 - يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئەنگلىيە سودىگىرى ۋارسوننىڭ شىركىتىدىكى مېتاللورگىيە زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىرى داۋاملىق ئىش تاشلاپ، سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئەمگەك شارائىتىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلغان. 1919 - يىلى 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى كارخانا ئىگىسىنىڭ ياللانما قوراللىق كۈچى ئىش تاشلىغان ئىشچىلارنى ئوق چىقىرىپ ئۆلتۈرگەن، شۇنىڭدىن كېيىن ساقچىلار يەنە ئۆلۈم ئۇزىتىش ئۈچۈن چىققان 200 مىڭ كىشىلىك نامايىشچىلار قوشۇنىنى ئوققا تۇتۇپ، شەھەر بويىچە نارازىلىق خاراكتىرلىك ئومۇمىي ئىش تاشلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 10 - كۈنىدىن باشلاپ تەرەققىي قىلىپ كوچا ئۇرۇشىغا ئايلىنىپ، ئىشچىلار بىر مەھەل قورال - ياراق زاۋۇتىنى ئىگىلەپ، كۈرەش بىرھەپتە داۋاملاشقان. ھۆكۈمەت قوشۇن ئەۋەتىپ باستۇرغان، ئىشچىلاردىن تەخمىنەن 6000 كىشى ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان، كۈرەش يېڭىلىش بىلەن ئاخىرلاشقان. بۇ، ئارگېنتىنا پرولېتارىياتىنىڭ بىرقېتىملىق مەردانە ئىنقىلابىي كۈرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.