Uyghurئاساسىي لۇغەت
قانچە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نەرسىنىڭ ئاز - كۆپلۈكىنى سورايدىغان سۇئال ئالمىشى.
قانچە كۆپ قاينىسا قىيام - قەنت سۈيى، ناۋىتى شۇنچە سۈزۈك بولغۇسى.جەڭ ۋاقتى ئۇ ئەگەر كۆرسەتسە ئارقىسىنى، ئۆزىنىلا ئەمەس، ئۆلتۈرەر باتۇرلارنىڭ قانچىسىنى. پۇرچاق نەچچە - نەچچە سەكرىسىمۇ تاۋىتى چاقالماس. دۈك مىڭ - نەچچە مىڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئال. قايسى مىقداردا؟ نەچچە؟ نەچچىلىك.
سىلەرنىڭ سىنىپتا قانچە ئوقۇغۇچى بار؟
ئال. ئىسىملارنىڭ بەزىبىر تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىپ، ئۆزى ئالمىشىدىغان ئىسىمنىڭ رولىنى ئويناپ ئىسىم ئورنىدا كېلىدۇ.
ئۇلارنىڭ قانچىسى مۇئەللىم؟ * - بۇ قەلەمنى قانچىگە ئالدىڭ؟
سۈپ. بىر مۇنچە، كۆپ، نۇرغۇن.
ئۇ ئاشۇ <ئوغرىلار> بىلەن بىر كۆرۈشسەم دەپ ئارمان قىلىپ قانچە كېچىلەرنى خىيال بىلەن ئۆتكۈزگەنىدى.
رەۋ. يۇقىرى مىقداردا، ئامالنىڭ بارىچە؛ شۇنچىلىك.
قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە ياخشى.
ئۇ قانچە تېز كەلسە شۇنچە ياخشى.