Uyghurئاساسىي لۇغەت
قانائەت
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئازغا ياكى بارىغا كۆنۈش، بارى بىلەن كۇپايىلىنىش، نەپسىنى يىغىش؛ كۆپكە، جىققا ئىنتىلمەسلىك.
قانائەت قىلماق. قانائەت - تۈگىمەس خەزىنە (ماقال).
كەمبەغەلنى قانائەت ئاسرايدۇ.
مەمنۇنلۇق، خۇرسەنلىك، مەمنۇنىيەت.
ئاستا - ئاستا ئۇنىڭ چىرايىدا قانداقتۇر بىر خىل يېقىملىققىنا قانائەت تۇيغۇسى پەيدا بولدى.
ئارام، تىنچلىنىش.
كۆڭلى قانائەت تاپماق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئۇنىماق، رازى بولماق، رازىلىق