Uyghurئاساسىي لۇغەت
قاناللار باغلىمىسى
بىئولوگىيە
ئۆسۈملۈكلەر تېنىدىكى توشۇغۇچى توقۇلما ۋە باشقا توقۇلمىلاردىن تۈزۈلگەن باغلامسىمان تۈزۈلۈش. ئۇ ھەرقايسى ئورگانلارغا تارقىلىپ ۋە ئۇلارنى تۇتاشتۇرۇپ بىر پۈتۈن سىستېمىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئۆسۈملۈك تېنىدە توشۇش ۋە تىرەكلىك رولىنى ئوينايدۇ. قاناللار باغلىمى ياغاچلىق قىسىم بىلەن ئەۋرىشىملىك قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئورۇنلىشىش ئەھۋالى مۇنداق: (1) سىرتى ئەۋرىشىملىك قىسىملىق قاناللار باغلىمى. بۇنىڭدا ياغاچلىق قىسىم ئىچىگە، ئەۋرىشىملىك قىسىم سىرتىغا ئىككى ئايلانما بولۇپ تىزىلىدۇ. بۇ ئەڭ ئاددىي تىپى. (2) قوش ئەۋرىشىملىك قاناللار باغلىمى. بۇنىڭدا سىرتقى تەرەپتە ئەۋرىشىملىك قىسىم بولغاندىن باشقا، ياغاچلىق قىسىمنىڭ ئىچكى تەرىپىدە كىچىكرەك ئەۋرىشىملىك قىسىم بولىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال كاۋا ئائىلىسى، پېدىگەن ئائىلىسى، يۆگەيلەر ئائىلىسى، تال گۈل ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەردە كۆرۈلىدۇ. (3) ئەتراپى ئەۋرىشىملىك قاناللار باغلىمى. ئەۋرىشىملىك قىسىم ياغاچلىق قىسىمنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىپ تىزىلىدۇ. بۇخىل ئەھۋال پاپوروتنىك تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەردە كۆرۈلىدۇ. (4) ئەتراپى ياغاچلىق قاناللار باغلىمى، ياغاچلىق قىسىم ئەۋرىشىملىك قىسىمنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىپ تىزىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال يىكەننىڭ غولى، چىغىرتماق ۋە كېيىك ئوتىنىڭ يەر ئاستى غولىدا كۆرۈلىدۇ. (5) تورسىمان تىزىلغان قاناللار باغلىمى. ياغاچلىق قىسىم بىلەن ئەۋرىشىملىك قىسىم مۇستەقىل ھالدا نۇرسىمان تىزىلىدۇ. يىلتىزىنىڭ قاناللار باغلىمى مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ. يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر ۋە قوش پەسىللىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قاناللار باغلىمىدا ھاسىل قىلغۇچى قەۋەت بولۇپ، كېيىنكى ئۆسۈشنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇلار چەكسىز قاناللار باغلىمى ياكى ئوچۇق قاناللار باغلىمى دەپ ئاتىلىدۇ. تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر ۋە پاپوروتنىكلارنىڭ قاناللار باغلىمىدا ھاسىل قىلغۇچى قەۋەت بولمىغاچقا، كېيىنكى ئۆسۈشنى ھاسىل قىلالمايدۇ، ئۇلار چەكلىك قاناللار باغلىمى ياكى يېپىق قاناللار باغلىمى دەپ ئاتىلىدۇ.