Uyghurئاساسىي لۇغەت
قامەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قەد، بوي؛ بەدەن تۈزۈلۈشى:
كۈندۈزمدۇر كېچە، ئول خۇرشىدى تابان بولماسا،
قامەتىم خەمدۇر، ئەگەر سەرۋى خىرامان بولماسا.
ئەرشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم بەدىنىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى.
بوي ئىشلىمەس، قول ئىشلەر. ئۆكۈزنىڭ بويى مۇڭگۈزى بىلەن ئۆلچەنمەس. بالىلارنىڭ بويى يازدا قىشتىكىگە قارىغاندا ئون پىرسەنت تېز ئۆسىدۇ. تۇرقىغىلا قارىما، مىجەزىگىمۇ قارا. بۆرىنىڭ تۇرقىدىن قورقما، چىشىدىن قورق. بوران - چاپقۇن زەربىسى يىقىتسىمۇ دەرەخنى، پۈكەلمەيدۇ مەڭگۈگە قامىتىنى، قەددىنى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
ئادەم بەدىنىنىڭ تاشقى قۇرۇلمىسى، بەست، بوي - تۇرق.
قامىتى كېلىشكەن يىگىت.