Uyghurئاساسىي لۇغەت
قالدۇق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. قېلىپ قالغان، ئېشىپ قالغان.
قالدۇق بۇلۇڭ. قالدۇق دۈشمەن.
ئى. نەسىلەرنىڭ ئېشىپ ياكى ساقلىنىپ قالغان قىسمى.
تاماكا قالدۇقى.
ئى. يوقىلىپ كەتكەن ياكى يوقىلىپ بېرىۋاتقان نەرسە، ۋەقە، ھادىسە ۋە شۇ قاتارلىقلاردىن قېلىپ قالغان نىشانە، ئاسارەت.
بەزى جايلاردا تېخىچە شامانىزم ئۇسۇلى بىلەن كېسەل داۋالاشنىڭ بەزى قالدۇقلىرى ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.
ئى <مات> بۆلۈش ئەمىلىدە ئېشىپ قالغان سان، مىقدار.
قالدۇق قالماي بۆلۈنىدىغان سان.
ئى <خىم> مولېكۇلىدا، بىر خىمىيىلىك بىرىكمىدىن ئىككىنچى بىر خىمىيىلىك بىرىكمىگە ئۆزگەرمەي تۇرۇپ ئۆتىدىغان تۇرغۇن ئاتوملار گۇرۇپپىسى؛ رادىكال.
ئى. ئېشىپ قالغان پۇل، مەبلەغ.