Uyghurئاساسىي لۇغەت
قادىر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ھەر قانداق نەرسىگە كۈچى يېتىدىغان، قۇدرەتلىك:
ئاللا، خۇدا:
بەزۇرى نەئمەۋۇ ھەم نىشامەي،
بىئەمرى قادىرى پەرۋەيدىگارەي.
زەلىلى.
2. قۇربى ئەيۋانىغە تەقۋىي يولىدىن گام ئۇرغان،
ۋاسىلىي بارگاھى قادىرۇ غەپپارقەنى؟
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ياۋۇز، ۋەھشى، دەھشەتلىك؛ تىك، قاتتىق، قىيىن: قادىرقىش - قاراقىش، قەھرىتان قىش.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قۇدرەتلىك، كۈچلۈك: قادىر ئەنداز - ئۇستا مەرگەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قولغا كۆندۈرۈلمىگەن، يىرتقۇچ؛ كۆچمە؛ ئىنسانىي پەزىلىتى يوق.
پىتنە - پاسات ۋەھشىي قوشۇننىڭ ئۆزى. ياۋا موگۇ تېز ئۆسەر. ياۋايى ھايۋاندىن پەخەس بول، ياۋايى ھايۋان تەبىئەتلىك<ئىنسان> دىن تېخىمۇ پەخەس بول.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قىيىن، جاپالىق.
قادىر نەڭ _ قىيىن نەرسە. قادىر يېر _ تاغلار قار ۋە مۇز قېلىن بولغانلىقتىن، ئوتۇش قىيىن بولغان يەر.
1 - 471
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قادىر قىش _ قارا قىش، قەھرىتان قىش.
1 - 472
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قەيسەر، كەسكىن.
خاقانىيە خانلىرىنى « قادىرخارن» دېيىش شۇنىڭدىن كەلگەن. بۇ سۆز مەنە جەھەتتىن ئەرەپچىگە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى قەيسەرلىك، كەسكىنلىك كۈچ - قۇدرەتتىن كېلىدۇ. قەيسەر، كەسكىن ئادەم خالىغان ئىشنى قىلالايدىغان كۈچ - قۇدرەتكە ئىگە بولىدۇ.
1 - 472
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ياۋۇز، ۋەھشىي، يىرتقۇچ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
سۈپ. قۇربى، قۇدرىتى، كۈچى يېتىدىغان.
قادىر بولماق.* بۇ كىشى ماشايىخ - مالائىكىلەرنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشقا قادىر ئىكەن!
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ھەممىگە كۈچى يەتكۈچى، ھەممىگە قادىر