Uyghurئاساسىي لۇغەت
قادىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر نەرسىنى باشقا بىر نەرسىگە ئىلمەك، ئاسماق.
ئەلنى كېلىشتۈرگۈچى _ چاپانغا تۈگمە تاقىغۇچى. نەمۇنىچىلەرنىڭ كۆكسىگە گۈل تاقىدۇق. مەيدەڭگە قادىغان مېدال خىزمىتىڭ ئۈچۈن بېرىلگەن مۇكاپات، زورلۇق - زومبۇلۇق قىلىشقا بېرىلگەن ئىجازەت ئەمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
سانجىماق، تىقماق؛ سالماق.
پىدائىيلار تۆمۈرچىلەرگە نەيزە ياسىتىپ، ئۇنى چەنزىلەرنىڭ ئۇچىغا قادىشىۋېلىشقانىدى.
تىرىمەك، تاقىماق، تىركىمەك.
<ناماز شام خىزىرى> بىلەن چېقىر كۆز تەڭلا ۋاقىتتا تاپانچىلىرىنى بۇ يوچۇن ئادەمنىڭ مەيدىسىگە قادىدى.
تىكلەپ ئورناتماق، تىك قىلىپ جايلاشتۇرماق، تىكلىمەك.
ئۇلار سېپىل ئۈستىدىكى جەڭدە قۇربان بولغانلارنىڭ قەبرىلىرىگە تۈنۈگۈن كەچتە قاداپ قويۇلغان خاتىرە تاختايلىرىنى كۆردى.
چاپلاپ، مىخلاپ، تىكىپ ياكى باغلاپ ئورناتماق، چاپلىماق، تاقىماق.
بالىنىڭ قىشلىق كىيىملىرى پۈتتى، تۈگمىلىرىنى قاداپ بەرسەكلا بولىدۇ.
تىكمەك، ئۇدۇللىماق، توغرىلىماق (كۆزھەققىدە).
ئۇ لېۋىنى چىڭ چىشلەپ، كۆزىنى ماڭا نەشتەردەك قادىدى.
سۇنغان فارفور بۇيۇملارنى قاداق مىخ بىلەن ياسىماق، قاداق سالماق.
ئاۋۇت قاداقچى بىر چىنىمىزنى قاداپ بەردى.