Uyghurئاساسىي لۇغەت
قاچان
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قاچان.
قاچان كەلدىڭ _ قاچان كەلدىڭ؟ بۇ سۆز بەزىدە ۋاقىت ياكى شەرت ياردەمچىسى مەنىسىدىمۇ كېلىدۇ. مەسىلەن: « قاچان بارسا سەن _ قاچان بارىدىغان بولساڭ» دېگەنگە ئوخشاش. بۇ سۆز يەنە «ناۋادا» مەنىسىدىمۇ كېلىدۇ. لېكىن ئاساسىي مەنىسى بىرىنچى مەنىدۇر.
1 - 524
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئالماش
قايسى ۋاقىتتا، قايسى چاغدا.
- سىلەر قاچان دېسەڭلار، شۇچاغدا توي بولسۇن، - دېدى ئۇ.
جۈملىدە خەۋەر بولۇپ كېلىپ <ناھايىتى ئۇزاق بولدى، كۆپ ۋاقىت بولدى> دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.
- مەن كەلگىلى قاچان، سىز مانا ئەمدى كېلىپسىز