Uyghurئاساسىي لۇغەت
قابىلىيەتسىز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتكە يارىماسلىق، يارامسىزلىق؛ كۈچ - قۇۋۋەت، ئەقىل - پاراسەت يېتىشمەسلىك.
قابىلىيەتسىز ئادەم قاراملىققا تايىنىدۇ. ئىقتىدارسىز ئادەم ئۆزىنى قالتىس ھېسابلايدۇ. ئىستېداتسىز شائىر _ قىرچاڭغۇ ئات.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىش - ھەرىكەتتە يارامسىزلىق، كۈچ - قۇۋۋەت، ئەقىل - پاراسەت يېتىشمەسلىك.
قابىلىيەتلىك، ئىقتىدارلىق، ئىستىداتلىق
ئىش - ھەرىكەتكە ياراملىق، كۈچ - قۇۋۋەت، ئەقىل - پاراسەتتە يېتىكلۈك.
قابىلىيەتلىك بولاي دېسەڭ، ئۆگەن. ئىقتىدارلىق ئادەم ھەممە يەردە ئەزىز. ئىقتىدارلىق شائىر ئەلنىڭ غۇرۇرى. قابىلىيەتسىز ئادەم قاراملىققا تايىنىدۇ. ئىقتىدارسىز ئادەم ئۆزىنى قالتىس ھېسابلايدۇ. ئىستىداتسىز شائىر - قىرچاڭغۇ ئات.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
قابىلىيىتى، ئىقتىدارى، تالانتى يوق؛ ئىقتىدارسىز، يارامسىز .
ئىختىساسلىق كىشلەرنىڭ كەلتۈرىدىغان پايدىسى قابىلىيەتسىز ئادەملەرنىڭكىدىن كۆپرەك بولىدۇ.