Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
铺助金条约
دۇنيا تارىخى
قوشۇمچە ياردەم فوندى شەرتنامىسى
ھەربىي خىراجەت تولۇقلىما فوندى تۈزۈمى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. ئەنگلىيەنىڭ ھىندسىتان بەگلىكلىرىنى مۇستەقىللىكتىن مەھرۇم قىلىشتىكى بىر خىل ۋاستسى. ئۇنى فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئەڭ بالدۇر قوللانغان. ⅧⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن تارتىپ ئەنگىلىيە قوللانغان. ئەنگلىيە ھىندىستان بەگلىكلىرىنى شەرتنامە تۈزۈشكە مەجبور قىلغان، ئۇنىڭ مەزمونى بەگلىكلەردىكى ۋاڭ - گۇڭلار ئەنگلىيەنىڭ ئەمەلدار تۇرغۇزۇشنى قوبۇل قىلىش، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تاشقى سىياسىتىدىن ۋاز كېېچىش، تۇرۇشلۇق ئەمەلدارنىڭ رۇخسىتىسىز، ھېچقانداق چەت ئەل ۋە باشقان قوشنا بەگلىكلەر بىلەن ئالاقە باغلىماسلىق؛ فرانسىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلماسلىق؛ بەگلىكلەر ئەنگلىيەنىڭ <قوغداش نامى> بىلەن بۇ يەردە تۇرۇۋاتقان قوشۇنىغا كۈتۈنۈش خىراجىتى تاپشۇرۇش ياكى بىر قىسىم رايونلارنىڭ باج كىرىمىنى ئەنگلىيەنىڭ باشقۇرۇشىغا ئايرىپ بېرىشتىن ئىبارەت. 1765 - يىلى كلىۋې ۋە ئودى بەگلىكى ئالدى بىلەن ئىمزا قويغان. 1799 ـ يىلى ئەنگلىيە باش ۋالىيسى ۋېللېسىلېي مىيىسورنىڭ تىپۇ سۇلتانىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن ئۇنى كەڭ تۈردە ئومۇملاشتۇرغان. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە پەنجاپ، سىند، ئاسسام قاتارلىق جايلاردىن باشقا،قالغان بەگلىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى بۇ شەرتنامىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبور بولغان.