Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
普通低温保藏法
بىئولوگىيە
ئادەتتىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ساقلاش
ئادەتتە كۆپرەك ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ساقلاش ئۇسۇلى. بۇ ئۇسۇلدا ساقلىنىدىغان ئۇرۇقلۇق باكتېرىيە مۇۋاپىق قاتتىق ئۆستۈرگۈچىنىڭ يانتۇ يۈزىگە ئېكىپ مۇۋاپىق ئۆستۈرۈپ، ئۆسۈپ بولغان باكتېرىيە ئۇرۇقىنى يانتۇ يۈز بىلەن قوشۇپ ئوراپ. تېمپېراتۇرىسى 4 سېلتسىيە گرادۇس ئەتراپىدا بولغان توڭلاتقۇ ئىچىدە ساقلىنىدۇ. ئەگەر ئۇزۇن ساقلاشقا ئېھتىياجلىق بولسا، بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە قايتىدىن يېڭى ئۆستۈرگۈچكە يۆتكەپ ئۆستۈرگەندىن كېيىن، يەنە توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلىنىدۇ. ۋاقىت ئارىلىقىىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى ئۇرۇقلۇق باكتېرىيىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمايدۇ، ئادەتتە بىر ئايدىن يېرىم يىلغىچە بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل نىسبەتەن ئاددىي، بىراق كۆپ قېتىم يۆتكەپ ئەۋلاد ھاسىل قىلىدىغانلىقتىن، ئۇرۇقلۇق باكتېرىيە ئاسان ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.