Uyghurئاساسىي لۇغەت
پۇراش سەزگۈسى
بىئولوگىيە
بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپىدە پۇراش شىللىق پەردىسىدىكى پۇراش ھۈجەيرىلىرىدە پۇرىقى (ھىدى) بولغان ماددا مولېكۇلىلىرىنىڭ غىدىقلىشى بىلەن كېلىپ چىقىدىغان سېزىم. بۇ ھاۋاغا تارقالغان پۇراقلىق ماددا مىكرو دانىچىلىرىنىڭ پۇراش ھۈجەيرىلىرىگە تەسىر قىلىپ ئۇنىڭدا قوزغىلىش ھاسىل قىلغانلىقى، ئاندىن پۇراش نېرۋا تالالىرى ئارقىلىق چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىگە كىرىپ پۇراش سېزىمىنى ھاسىل قىلغانلىقىدىن بولىدۇ. ئادەم ۋە ئادەمسىمان مايمۇنلارنىڭ پۇراش سېزىمى باشقا سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭكىدەك تەرەققىي قىلمىغان بولىدۇ. ئىتنىڭ پۇراش سەزگۈرلۈكى ئادەمنىڭكىدىن كۆپ يۇقىرى، بەزى كېسەللىكلەر (مەسىلەن، زۇكام) ئادەمنىڭ پۇراش سېزىمىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ. ئادەمنىڭ پۇراش سېزىمى ناھايىتى ئاسان ماسلىشىشچانلىققا ئىگە. ئادەم مەلۇم بىرخىل پۇراققا ماسلىشىپ (كۆنۈپ) قالغاندا باشقا پۇراقلارنى ناھايىتى ئاسان سېزىدۇ. بۇنى پۇراش سېزىمىنىڭ چارچىشى دېيىشكە بولمايدۇ.
پسىخولوگىيە
بۇ پۇرقنى (ھىدنى) پەرق ئېتىش سەزگۈسىدىن ئىبارەت. پۇراش سەزگۈسىگە ماس كېلىدىغان غىدىقلىغۇچ پۇراقلىق جىسىمنىڭ ئۇششاق زەرىچىلىرىدۇر، قاتتىق ياكى سۇيۇق جىسىمنىڭ پۇرىقىنىڭ ھاۋادىكى زەررىچىلىرى بۇرۇن بوشلۇقىدىكى پۇراش رايونىغا كىرسە پۇراش رېتسېپتورىدا قوزغىلىش پەيدا بولىدۇ، پۇراش رايونىدىكى پۇراش ھۈجەيلىرى پۇراش سەزگۈسىنىڭ رېتىسپتورى بولۇپ، بۇ يەردە پەيدا بولغان قوزغىلىش پۇراش نېرۋىسى بىلەن ئۈچ ئاچا نېرۋا پۇراش شارچىسى، پۇراش باغلىمى ئارقىلىق، چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ ماڭلاي بۆلىكىدىكى پۇراش مەركىزىگە يېتىپ بېرىپ، پۇراش سەزگۈسىنى پەيدا قىلىدۇ (بەزىلەر، پۇراش سەزگۈسىنىڭ مەركىزى سەقەنقۇر پۈرمىسىدە، دەيدۇ). بەزىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە پۇراق 60 مىڭ خىلدىن جىقمىش، گوللاندىيىلىك فىزىئولوگ خېننىڭ بۇ خىلمۇخىل پۇراقلارنى گۈل پۇرىقى، مېۋە پۇرىقى، دېۋىرقاي پۇرىقى، پۇراقلىق ماتېرىياللار پۇرىقى، سېسىق پۇراق ۋە كوكىس پۇرىقىدىن ئىبارەت. ئالتە خىل ئاساسىي پۇراققا يىغىنچاقلىغان. قالغان پۇراقلار مۇشۇ ئالتە خىل پۇراقتىن كېلىپ چىقىدۇ دەپ ھېسابلىغان، ھازىرغىچە پۇراقلار پۇراقلىق جىسىملارنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە، دېمەك پۇراق تېخىچە پۇختا ئانالىز قىلىنمىغان. مۇھىت شارائىتلىرى (ھاۋانىڭ تېمپىراتورىسى، نەملىك دەرىجىسى، پاكىزلىك دەرىجىسى ۋە باشقىلار) ۋە كىشىنىڭ جىسمانىي ئەھۋالى كىشىنىڭ پۇراقنى سېزىش دەرىجىسىنى ئاشۇرىدۇ ياكى تۆۋەنلەشتۈرىدۇ. پۇراش سەزگۈسىگە مۇۋاپىق تىمپېراتۇرا °38 - 37، پۇراش سەزگۈسىنىڭ ئاداپتاتسىيە (كۆنۇكۈپ قېلىش) ھادىسىسى ناھايىتى روشەن بولۇپ،«تېزەكچىگە تېزەك پۇرىماس» دېگەن تەمسىل ئەنە شۇنى كۆرسىتىدۇ. پۇراش ئاداپتاتىسىيىسى تاللاشچانلىققا ئىگە. مەسىلەن : يود پۇرىقىغا كۆنۈكۈش ئۈچۈن تۆت مىنۇت كېتىدۇ،سامساق پۇرىقىغا كۆنۈكۈشكە 40 - 45 مىنۇتتىن ئارتۇقراق ۋاقىت كېتىدۇ، پۇراش سەزگۈسى ھايۋانلارنىڭ ئوزوق ئىزدەش، جۈپ ئىزدەش، دۈشمەندىن ساقلىنىش قاتارلىق تۈرلۈك - تۈمەن رېفلېكس پائالىيەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ، بەزىدە ھايۋانلارنىڭ پۇراش سەزگۈسى ئۆتكۈر بولىدۇ(مەسىلەن، ھاشاراتلار، ئىت ۋە نۇرغۇن سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار) ، بەزى مەخلۇقلارنىڭ پۇراش سەزگۈسى ئاجىز بولىدۇ ( مەسىلەن، قۇشلار، مايمۇنلار ۋە ئادەم)، ئاز ساندىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار (مەسىلەن، يۇنۇس بېلىقى) دا پۇراش قابىلىيىتى يوق، ئادەمنىڭ پۇراش سەزگۈسى زىيانلىق گازلاردىن ساقلىنىشتا مەلۇم رولغا ئىگە، بەزىلەرنىڭ ئېيتىشلىرىچە بەزى ئەما، گاس - گاچىلار تونۇش ئادەم ۋە تونۇش جايلارنى پۇراقتىن پەرق ئېتىدىكەن، پۇراق سەزگۈسىنىڭ شارائىتقا ماسلىشىش جەھەتتىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيىتى بار.