Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
普鲁沙
دىن
pǔ lǔ shā
پۇرۇشا؛ تۇنجى ئادەم
تارىخ
pǔ lǔ shā
پۇرۇشا، تۇنجى ئادەم
دۇنيا تارىخى
پۇرۇسا
قەدىمكى ھىندىستاندىكى ئىلاھ نامى. <رىگ ۋېدا> مەدھىيىسىدىكى ئىپتىدائىي گىگانت ئادەم. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ مىڭ بېشى، مىڭ كۆزى، مىڭ پۇتى بار ياراتقۇچى ئىلاھ بولۇپ، پۈتكۈل زېمىنىغا بىر كېلىدىكەن. ئىلاھلار ئۇنى قۇربانلىق قىلىپ نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزگەندە، ئۇنىڭ كېسىلگەن بەدىنىدىن ئالەمدىكى شەيئىلەر پەيدا بولغانىكەن. بېشىدىن ئاسمان، پۇتىدىن يەر، يۈرىكىدىن ئاي، كۆزىدىن قۇياش، ئاغزىدىن يىندولو (چاقماق ئىلاھى) ۋە ئاگنى (ئوت ئىلاھى) قاتارلىقلار بارلىققا كەلگەنىكەن. تۆت تائىپىمۇ ئۇنىڭ گەۋدىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان قىسىملىرىدىن پەيدا بوپتىكەن: <ئۇنىڭ ئېغىزى براخمانغا، ئىككى بىلىكى كىساترىيىگە، ئىككى پۇتى ۋايسىيىگە ئايلىنىپ، ئىككى ئايىغىدىن سۇدرا پەيدا بولغانىكەن.> پۇرۇسا مەدھىيىسى <رىگ ۋېدا> نىڭ باشلانمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پۇرۇسا براخمان دىنى ۋە ھىندى دىنىدىكى ياراتقۇچى ئىلاھ - بۇددا نامى قىلىپمۇ ئىشلىتىلىدۇ.