Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
普罗克洛
دۇنيا تارىخى
پروكلوس
(تەخمىنەن 410 - 485) قەدىمكى يۇناننىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى پەيلاسوپ. يېڭى ئەپلاتونچىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋەكىلى. ۋىزانتىيە (كونستانتىنوپول) دا تۇغۇلغان. دەسلەپتە ئالېكساندرىيىدە بىلىم ئالغان، كېيىن ئافىناغا بېرىپ سىرىيانوسنى ئۇستاز تۇتقان؛ ئۇستازى ئۆلگەندىن كېيىن يېڭى ئەپلاتونچىلارنىڭ <ئىشىنى داۋاملاشتۇرغۇچى> سىغا ئايلنىپ، بىر مەھەل مەشھۇر بولغان. ئۇ پلوتىنوستىن كېيىن <ئېقىپ - چىقىش تەلىماتى> (ماددىي دۇنيا ئاجايىپ كۈچ ئىچىدىن ئېقىپ چىققان دەپ قاراش) نى تەشەببۇس قىلىپ، ئەپلاتون تەلىماتىنى تېخىمۇ سىرلىق تۈسكە كىرگۈزگەن. ئۇ يەنە يۇناننىڭ ۋە شەرقنىڭ دىنىي ئىلاھىيىتىنى ئىدېئالىستىك پەلسەپىگە سىڭدۈرۈپ، ئادەمنىڭ روھى پەقەت تەننىڭ كىشىنىدىن قۇتۇلغاندىلا، ئاندىن ھەقىقەتنى كۆرەلەيدۇ دەپ تەرغىپ قىلىپ، پەلسەپىنى دىننىڭ قۇلىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. <ئىلاھىيەت قائىدىرىلىرى> ۋە <ئەپلاتوننىڭ ئىلاھىيەت ئىلمى> دېگەن ئەسەرلىرى بار، يەنە ئەپلاتوننىڭ <دىمېئو توپلىمى>، <باھاندى توپلىمى> قاتارلىق سۆھبەتلىرىگە ئىزاھات بەرگەن، يەنە ئېئۇكلىدنىڭ <گېئومېتىرىيە ئەسلى نۇسخىسى>، ھېسئودوسنىڭ <ئەمگەك ۋە ۋاقىت> (<ئېتىز ئىشى دېھانچىلىق پەسىلى>) دېگەن ئەسەرلىرىنىمۇ ئىزاھلىغان.