Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
普里兹伦同盟
دۇنيا تارىخى
پرىزرېن ئىتتىپاقى
ئالبانىيىنىڭ مىللىي تەشكىلاتى. 1878-يىلى 6-ئايدا پرىزرېندا قۇرۇلغان. ئۇنىڭ رەھبىرى ئاپتور. فراشيورى بولۇپ، ئەزالىرى ۋەتەنپەرۋەر زىيالىيلار ۋە فېئودال ئاقسۆڭەكلەر، راھىپلار، سودىگەرلەر ھەم ئەمەلدارلاردىن تەركىب تاپقان. بۇ تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بېرلىن يىغنىدا چىقارغان تۈركىيىنىڭ ياۋروپادىكى ئالبانلار ئولتۇراقلاشقان زېمىنىنى گېرتسېگوۋىنا بىلەن گرېتسىيىگە بۆلۈپ بېرىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئىتتىپاقتىن پايدىلىنىپ ئۆز مەنپەئىتىنى قوغدىماقچى بولغان، شۇڭا ئىتتىپاق قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئۇنى قللىغان. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي ئىتتىپاق تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ئالاقىسىنى ئۈزگەن. 1878-يىلى 11-ئايدا، بۇ ئىتتىاق ئالبانىيىنىڭ ئاپتونومىيە پروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئالبانىيە زېمىنىنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1881-يىلى 4-ئايدا تۈركىيە ئارمىيىسى ئىتتىپاقنىڭ قوراللىق قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. ئاپتور فراشيورى قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە ئاپتونومىيە ھەرىكىتىنىڭ مىڭدىن ئارتۇق قوللىغۇچىلىرى دەھشەتلىك زىيانەكشلىككە ئۇچرىغان. ئىتتىپاق پارچىلىنىپ كەتكەن.