Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
普拉萨德
دۇنيا تارىخى
پراساد
(1884 - 1963). ھىندىستان زۇڭتۇڭى (1950 - 1963). كالكوتتا پرىشدىنشى ئىنىستىتۇتىدا قانۇن ئۆگەنگەن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن باتېنا ئالىي سوتنىڭ ئادۋوكاتى بولغان. 1917-يىلى گەندى بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن ئۇزاق مۇددەت ھەمكارلاشقان. 1920-يىلى گەندى رەھبەرلىك قىلغان ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1922-يىلى خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان. 1934-، 1939- ۋە 1947-يىللىرى خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بولغان ھەمدە خەلق كونگرېسى پارتىيىسى خىزمەت كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىنى كۆپ يىل ئۆتىگەن. ھىندىستان 1947- يىلى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى بولغان. ھىندىستان ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پالامېنتىنىڭ <ھىندىستان جۇمھۇرىيىتنڭ ئاساسىي قانۇنى>نى تۈزۈپ چىقىشىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. 1950-يىلى ھىندىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان، 1952-يىلى ۋە 1957-يىلى ھىندىستان جۇمھۇرىيتنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان، 1952-يىلى ۋە 1957-يىلى ئىككى قېتىم ئۇدا سايلانغان. 1962-يىلى پېنسىيىگە چىققان.